جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يەرشارىغا نەپ يەتكۈزىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 09:55

«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 20-، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى 15-بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتى، شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قانداق پىلانىنى تۈزىدۇ؟ چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ناھايىتى دىققەت قىلدى.

كانادادىكى «يەرشارى پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مەركەزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: 2020-يىلىغىچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش، 2035-يىلىغىچە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، 2050-يىلىغىچە يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلار گۈزەل، دېھقانلار باي بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ناھايىتى ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سىنگاپوردىكى «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»دە: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى بىر قاتار فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، دەپ ھېسابلاندى. بۇ گېزىتتە يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگونىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى بولىدۇ، دېيىلدى.

گېرمانىيەدىكى «يەكشەنبىلىك فىرانكفورت مەجمۇئەسى» دە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر جۇڭگونىڭ نۇرغۇن يېزىلىرىدا ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ئېلېكتىرونلۇق سودا نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ بېرىپ، دېھقانلارنى جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇمات بۇلۇت سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا ھوسۇل ئالغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى توردا سېتىشنى ئۆگەتتى. «ئىنتېرنېت چەت، يىراق تاغلىق رايونلارغىچە تۇتاشتۇرۇلماقتا، جۇڭگو رەھبەرلىرى دېڭىز بويىدىن يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنى يۇقىرى تېخنىكا بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتىش نىشانىنى تۈزدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگودا 800 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سۈرئىتى ھازىرمۇ ئاستىلاپ قالغىنى يوق. جۇڭگو ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ سىرلىق قورالغا تايىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تېخىمۇ قالتىس نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئەنگلىيەدىكى «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى»دە ئاۋسترالىيە مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پېروفىسسورىنىڭ نۇقتىئىينەزىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئەينى يىللىرى يېزىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەر شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، ئۇ جۇڭگو دېھقانلىرىنى چىن قەلبىدىن چۈشىنىدۇ، ئۇلارغا نېمە لازىملىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

ئامېرىكىدىكى «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: چوڭ-كىچىك يەشىكلەر لىق قاچىلانغان ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىللىرى جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا قاتنىماقتا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۆجىزىلىرى مەركىزىي شەھەر-بازارلار ۋە يېزا رايونلىرىغا بارغانسېرى كۆپلەپ سىڭىپ كىرمەكتە. جۇڭگودىكى سىپىرلاشتۇرۇش ئىنقىلابى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا تەرەققىياتى دولقۇنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن چەت، يىراق يېزا-كەنتلىرىنى باي شەھەرلەرگە يېتىشىۋېلىش ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلار بىلەن مىسلىسىز شەكىلدە تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى، ھەتتا دۇنياغا ئۇزاق مەزگىللىك پايدىسى بار.

ئەمەلىيەتتە، يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە يولغا قويۇشىنىڭ ئۆزىلا يەرشارىغا زور تۆھپە قوشقانلىق.

جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا جۇڭگو ۋە ئافرىقا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كىلايتون خازۋېنې تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزا تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىن كونكرېت يولغا قويغىلى بولىدىغان ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلىدى. شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق يۈكسىلىشى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى دۇنيادىكى بىر مۆجىزە، ھازىر بۇ قاراش نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.