چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكى كورېيەدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى، كورېيە-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدىكى توڭ ئېرىشكە باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-13 10:03

چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يوڭنام باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئالىي ۋەكىللەر ئۆمىكى 11-فېۋرال سېئۇل دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جىئىن بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، كورېيەدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پيوڭياڭغا قايتتى.

بۇ-چاۋشيەن 2014-يىلى ئالىي ئەمەلدارلىرىنى ئېنچون ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ئەۋەتكەندىن بۇيان، ئارىدىن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم ئالىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى چاۋشيەنگە زىيارەتكە ئەۋەتىشى شۇنداقلا جەنۇب-شىمال مۇناسىۋىتى تىركىشىپ قالغان، يېرىم ئارال ۋەزىيىتى مۇرەككەپلەشكەن ھەم جىددىيلەشكەن مەزگىلدە، كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم تەنتەربىيە دىپلوماتىيەسىگە تايىنىپ، مۇناسىۋەتتىكى توڭنى ئېرىتىش سەپىرىنى باشلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چاۋشيەن ئالىي ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-فېۋرال كورېيەنىڭ ئېنچون ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى-چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە كورېيەدە زىيارەتتە بولغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى كىم يۇزۇڭ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى سۈي ھۈي، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى سېنگۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-فېۋرال كەچتە پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مۇن جىئىن كىم يوڭنام بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. باشلىنىش مۇراسىمىدا، كورېيە بىلەن چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بىر تۇتاش ئاق رەڭلىك فورما كىيىپ، قوللىرىدا «چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بايرىقى»نى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىسى «ئارىراڭ»نىڭ جاراڭلىق ساداسى، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە بىرلىكتە مەيدانغا كىرىپ كەلدى. بۇ-2007-يىلى جۇڭگو جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ يەنە بىر قېتىم بىرلىكتە مەيدانغا كىرىشى.

مۇن جىئىن 10-فېۋرال زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولدى. كىم يۇزۇڭ كۆرۈشۈش جەريانىدا، مۇن جىئىنغا كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ئۆز قولى بىلەن يازغان خەتنى تاپشۇردى ھەم كىم جۇڭئۇننىڭ مۇن جىئىننى چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان ئاغزاكى تەكلىپىنى يەتكۈزدى. مۇن جىئىن مەن بۇندىن كېيىن شارائىت ھازىرلاپ، چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشى-پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تىنچ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش، تىنچلىقنى بەرپا قىلىش، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ پۇرسىتىگە ئايلاندۇرىدۇ دېدى. ئۇ يەنە جەنۇب-شىمال مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، چوقۇم چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، مەن چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئاكتىپ سۆزلىشىشنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ تەكىتلىدى.

ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىق، يارىشىش مۇھىتىنى تېرىشىپ داۋاملاشتۇرۇپ، جەنۇب-شىمال سۆزلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە بىردەكلىككە كەلدى.

چاۋشيەن بىلەن كورېيە 2000-يىلى ۋە 2007-يىلى ئىككى قېتىم ھۆكۈمەت باشلىقلىرى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن، مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ھەققىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئورتاق خىتابنامە ئىمزالىغان. 2008-يىلى، لىميۇڭباك ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، چاۋشيەنگە قوللانغان ياخشى سىياسەتلەردىن ۋاز كېچىپ، قاتتىق پوزىتسىيە قوللانغان، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان.

چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكى كورېيەدە زىيارەتتە بولغاندا، مۇن جېئىن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە چاۋشيەن-كورېيە ئاياللار بىرلەشمە مۇز توپ كوماندىسىنىڭ شىۋېيتسارىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۆردى. تاماشىبىنلار ئورنىدىكى چاۋشيەننىڭ قىزىل كىيىم كىيگەن مەدەتكارلىرى «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن شوئارنى توۋلاپ، قىزغىن ھېسسىياتتا چاۋشيەن ناخشىلىرى ئېيتىپ، چاۋشيەن-كورېيە بىرلەشمە كوماندىسىغا مەدەت بەردى. بۇ چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ 27 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە كوماندا تەشكىللەپ، چوڭ تىپتىكى خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى. چاۋشيەن سەنئەت ئۆمىكى گاڭنېڭ ۋە سېئۇلدا پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ئاتاپ ئىككى مەيدان ئويۇن قويدى، ئويۇن قىزىپ كەتتى، ئالقىش سادالىرى، چاۋاك ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى.

ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا، مۇن جېئىن زىيارەتكە كەلگەن خەلقئارا تېكۋوندە بىرلەشمىسىنىڭ چاۋشيەنلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەندە، چاۋشيەننىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىكقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بىلدۈرگەن. بۇ يىل كىرگەندە، كىم جۇڭئۇن يېڭى يىللىق سۆز قىلغاندا، پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىكقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. 9-يانۋار، چاۋشيەن بىلەن كورېيە پانمۇنجومدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىكقا قاتنىشىشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي تارماقلىرىنىڭ سۆزلىشىشى قاتارلىق ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. بۇ 2015-يىلى 12-ئايدا كورېيە-چاۋشيەن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت.

سىرتتىكىلەرنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەن پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىكنى پۇرسەت بىلىپ، كىم جۇڭئۇننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى چوڭ تىپتىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كورېيەگە زىيارەتتە ئەۋەتكەنلىكى چاۋشيەننىڭ كورېيە بىلەن بولغان قاتمال ھالىتىنى ئۆزگەرتىش سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.