تىرامپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانى پارلامېنتتا ماقۇللىنارمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-02-14 10:26

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ سايلام مەزگىلىدە ۋەدە قىلغان ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش پىلانى ئاخىرى روياپقا چىقتى. ئاقساراي 12-فېۋرال ئامېرىكا پارلامېنتىغا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ بىر تەپسىلىي پىلانىنى سۇندى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ كونىراپ كەتكەن ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بولسىمۇ، ئامېرىكا سىياسىيسى ناھايىتى كەسكىنلىشىۋاتقان، مالىيە قىزىل رەقىمى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ پىلاننىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشى تەس.

ئاقساراي شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش پىلانىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى كەلگۈسى ئون يىلدا 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قوشما ئىشتات پۇلى ئىشلىتىپ، بىر تىرىللىيون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالىغا تۈرتكە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كونىراپ كەتكەن ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلايدىكەن. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ دائىرىسى خېلىلا كەڭ بولۇپ، تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم، سۇ تىرانسپورتى، سۇ ئىنشائاتى، سۇ ئېلېكتىرى، كەڭ بەلباغ، بۇلغانغان يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، قوشما ئىشتات مەبلىغىدىن 100 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتلاش پىلانى تۈزۈشكە ئىشلىتىلىپ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك كاپىتالىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىكەن. يەرلىك ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك كاپىتالىنى ئەڭ زور چەكتە قوزغىتىش-قوزغىتالماسلىق قوشما ئىشتات مۇكاپات پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى مۇھىم ئۆلچەمنىڭ بىرى ئىكەن.

تىرامپ ھۆكۈمىتى مەبلەغ مۇكاپاتىدىن باشقا يەنە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئارقىلىق يەرلىك ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك كاپىتالىنى جەلپ قىلىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاۋۋال يولغا قويىدىغان ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەرگە ئىشتاتلار ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىن ھەق ئېلىشنى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىت ئاسراش باھالىشى ۋە قىسمەن تەستىقلاش، قارار قىلىشمۇ ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ.

بۇندىن باشقا، قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى قوشما ئىشتات تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ، بۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى ئىككى يىلنىڭ ئىچىگە قىسقارتىش ھەمدە زۆرۈر بولمىغان نازارەتچىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قالغان 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قوشما ئىشتات مەبلىغىدىن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يېزا رايونلىرىنى قايتا قۇرۇش ۋە قاتناش تىرانسپورت، سۇ ئېلېكتىر، كەڭ بەلباغ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، قالغان يېرىمى يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىسلاھات خاراكتېرلىك ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى مۇكاپاتلاپ، ھازىرقى ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرلىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فوندىنى تولۇقلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ كونىراپ كەتكەن ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. ئامېرىكا توپا-تاش قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئون يىلدا ئامېرىكىدا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما يوچۇقى ئىككى تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، بۇ قوشما ئىشتات ۋە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ھەر يىلى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالسا ئاندىن پۈتكۈل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئەمما ئامېرىكا سىياسىيسى ناھايىتى كەسكىنلىشىۋاتقان، مالىيە قىزىل رەقىمى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ پارلامېنتتا پارتىيە ھالقىپ قوللاشقا ئېرىشىشى تەس. بىرۇكىڭىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى موللى رېينولدس مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ئىشتات ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تايىنىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانى پارلامېنتتا ئاقمايدۇ، بولۇپمۇ نوپۇس شالاڭ، يەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسى ئاجىز سايلام رايونلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق.

مالىيە ئىنتىزامىنى تەكىتلەيدىغان قىسمەن جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزالىرى ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ، دەپ ھۆكۈمەت چىقىمىنى كۆپەيتىشكە قارشى تۇردى. جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزاسى مېيدوس مۇنداق دېدى: يېقىندا ماقۇللانغان كەلگۈسى ئىككى يىللىق خامچوت لايىھەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانىنىڭ ئىستىقبالىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويدى، چۈنكى پارلامېنت نورمىدىن ئارتۇق چىقىمنى ئەمدى داۋاملىق كۆپەيتمەيدۇ. پايدا ئالمايدىغان پارتىيە-گۇرۇھسىز ئاپپارات-ئامېرىكا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قوشما ئىشتاتلىق خامچوت كومىتېتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، خامچوت لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ 2019-مالىيە يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمىنى بىر تىرىللىيون 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىۋېتىدىكەن.

دېموكرات پارلامېنت ئەزالىرى قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ چىقىرىدىغان پۇلى بەك ئاز بولۇپ قاپتۇ، بۇ ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، دەپ قارىدى. كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى شۇمېر 12-فېۋرال: تىرامپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئېغىر مالىيە يۈكى پەيدا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى ياغدۇرۇۋېتىدۇ، دېدى.

بىرۇكىڭىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالان كىلايىن مۇنداق دېدى: قوشما ئىشتات مەبلىغىگە تايىنىپ يەرلىك ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك كاپىتالىغا تۈرتكە بولۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوچۇقىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي لايىھە، ئەمما يولغا قويۇش جەريانى قاتمۇ-قات خىرىسلارغا دۇچكېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىش، قاتنىشىش قىزغىنلىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بار.

ئالان كىلايىن يەنە مۇنداق دېدى: پۇلنىڭ قەيەردىن كېلىشى يەنىلا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى دۇچكەلگەن ئاساسلىق مەسىلە، تەجرىبىلەر كۆرسەتتىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مۈلكىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنىڭ يەرلىكتە سىياسىي جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىشى تەس.