رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-13 17:05

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

12-مارت چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك: ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز، دېيىشتى.

دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئوفىتسېر قانۇنى، ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇنى، ئەسكەرلەر مائاشى، تۇرالغۇ ۋە داۋالىنىش كاپالىتى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش كاپالىتى قاتارلىق جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەربىي كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان، ھەربىيلەرنىڭ كەسپىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار سىياسەت تۈزۈملەر جىددىي تۈزۈلىۋاتىدۇ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلار سىياسەت تۈزۈمى سىستېمىسى جىددىي بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ.

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىستراتېگىيە پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ خۈيچىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيانقى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىنىڭ پىلانلىشى، يېتەكلىشى، ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، زور پىلانلار، زور سىياسەتلەر، زور ئىسلاھاتلار، زور قۇرۇلۇشلار پەيدىن-پەي ئەمەلىيلەشتى، ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى رايوندا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇر كېڭىيىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىش، تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم بازىسىنىڭ قوماندانى ۋاڭ زەيجې مۇنداق دېدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ چوڭ بۆسۈش يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىۋاتىدۇ، پۈتۈن ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە-خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات قېلىپى جىددىي شەكىللىنىۋاتىدۇ. توسالغۇ بۇزۇپ تاشلىنىپ، قىيىنچىلىق ھەل قىلىنىپ، تەلەپ بوشىتىلىپ، ھەربىي جابدۇقلار ۋە ھەربىيلەرنى خەلق ئىشلىرى ساھەسىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئاممىۋى ساھەدىكى نەتىجىلەرنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، ئارمىيە ۋە خەلقە باب كېلىدىغان بىر قاتار يۇقىرى يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خۇنەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى فىڭ يى مۇنداق دېدى: پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى چوڭ بىلىدىغان كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ، ئارمىيەنى ھۆرمەتلەيدىغان روھ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، غەرب ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى قوشۇمچە ئىشتاب باشلىقى رۇڭ گۈيچىن مۇنداق دېدى: ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈشتە يېڭى دەۋرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت يېتەكچىسى بولۇشى كېرەك، مەشىق قائىسىدىگە ئەمەل قىلىش، ئىلمىي مەشىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، چوڭ دۆلەتچە ئارمىيە مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلاش لازىم.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، پاراشۇتچىلار قىسمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ چېڭنەن مۇنداق دېدى: ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەندىلا ئاندىن يېڭى دەۋردىكى مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئادا قىلغىلى؛ مەجبۇرىيەت دادىللىقىنى كۈچەيتكەندىلا دۇنيادىكى ئىلغار ئارمىيە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، راكېتا قىسمى قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ گۇاڭبىن مۇنداق دېدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش خەلق مائارىپ سىستېمىسى ئارمىيەنى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرىدا، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىدا، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدا، راكېتا قىسمىنىڭ بازىلىرىدا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.