خەلقئارا جەمئىيەت «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى»گە ئىجابىي باھا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 10:45

11-مارت، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى» كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى زور تەدبىرى. چەتئەللىك مۇتەخەسسىس-ئالىملار مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، شۇڭا ھازىر ئاساسىي قانۇن مەزمۇنىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىنتايىن دەل ۋاقتىدا بولدى شۇنداقلا زۆرۈر، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

باش ئورگىنى بېلگىيەنىڭ بېريوسسېلغا تەسىس قىلىنغان سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى سىبېكس شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فېدرىك مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش جۇڭگونىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىقارغان زور تەدبىرى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قازاقىستان-گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئېگرى ئىۋانوف مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شۇنداقلا «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى» قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق، بۇ ھەم جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش-مۆلچەرلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالېكساندر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىلىرى چېتىلىدىغان مەزمۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلانغان، شۇڭا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ تولۇق ئاساسى بار.

گېرمانىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەمئىيىتى ئاسىيا تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بىلگى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىدە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا ئاساسىي قانۇن ئورنى بەرگەنلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. دۆلەت ئورگىنىنى ئاساسىي قانۇن نۇقتىسىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل تاراتقۇسى مۇدىرىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئەكبەر ساۋى مۇنداق دېدى: جۇڭگو چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا ئاساسىي قانۇندىن ئورۇن بەردى، بۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ قاتتىق قانۇنىي رامكا ۋە ئۆلچەم ئاستىدا يۈرۈشۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم قەدىمى.

ئامېرىكا كۈن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت كۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىدىكى ئاساسلىق نىشانى جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بولۇپمۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش. رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ تېكىستى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش ئەھۋالى تېخىمۇ بىردەك بولدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە سىياسەت سىجىللىقى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ھازىرقى شارائىتتا بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق.

پاكىستان مۇستەقىل ئاگېنتلىقىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى باش نازارەتچىسى جاۋىد ئەختەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭگو خەلقنىڭ كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش جۇڭگونىڭ ئىنسانلارغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.