خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى مۇساپە باشلاندى دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-14 10:46

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى پائال قۇرۇدى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى ئىسلاھات-جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈمدار قىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى. بۈگۈنكى رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، گوۋۇيۈەن ئورگان ئىسلاھاتى لايىھەسى-ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا پايدىلىق دېيىلدى.

سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇرۇنقى نەچچە قېتىملىق ئورگان ئىسلاھاتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەسىس قىلىش تەكىتلەندى، بۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تەسىرىمۇ بەك چوڭقۇر. بۇ-جۇڭگونىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئورگانلارنى ئىخچاملاش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ، ھوقۇقنىڭ قايتىلىنىشى ياكى مەسئۇلىيەت بوش قېلىشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

ئامېرىكا سان توماس ئۇنىۋېرسىتېتى خيۇستۇن شۆبىسىنىڭ پىروفېسسورى چوۋىن تايلور مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى-ئورگانلارنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەركەز سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا پايدىلىق. مەركەز بىلەن يەرلىكتىكى ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى قايتىدىن سەپلەش-باشقۇرۇشنى تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشقا پايدىلىق.

مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىگناسىئو كورتېس مۇنداق دەپ قارىدى: ئورگان ئىسلاھاتى-جۇڭگونىڭ ئورگان تەسىس قىلىش ۋە ئالاقىدار قانۇن رامكىلىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە تەڭشىشى، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى سىجىل تەرەققىياتقا پۇختا ئىدارە قىلىش ئاساسى سېلىپ بېرىشكە پايدىلىق.

ئېلىمىز ئىقتىسادى نۆۋەتتە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش-ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج.

رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ۋەزىپىسى تەكرار بولۇپ قالغان تارماقلارنى بىرىكتۈرۈش بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات لايىھەسىدىكى جۇڭگو بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى باشقۇرۇش كومىتېتىنى تەشكىللەش ھەققىدىكى مەزمۇن پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىدۇ.

كىيودو ئاگېنتلىقى ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى قۇرۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، ئۇلار: بۇ جۇڭگونىڭ مۇھىت ئاسرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ھەم جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «گۈزەل جۇڭگو» قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق، دېدى.

لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ: جۇڭگونىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى - زامانىۋىلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ يەنە بىر قەدەم تاشلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئېكۋاتور دۆلەتلىك ئالىي تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېيېس جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئاقىل چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئارقىلىق ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىشىغا ياردەم بەرگىلى، ھەم جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئۈنۈملۈك، پاك ھۆكۈمەت ئورگىنى قۇرۇشىغا پايدىلىق.

ۋىنگرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ساندور مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۆلەت ئورگىنى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشىغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق يارىتىدۇ، بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق. جەمئىيەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا باشتىن ئاخىر ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئورگان ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى.

تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېلجۇق چولاق ئوغلى جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى ئورگان ئىسلاھاتىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بۇ باسقۇچ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگو دۆلەت ئورگىنى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتىمەن.