مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 09:34

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» ، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئىنتىزام نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» ، « جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەپ نىزامىنىڭ سىناق نۇسخىسى» ئېلان قىلدى، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئورتاق نىزام دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يېڭىدىن تۈزۈتىلگەن ئورتاق نىزامدا، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «بەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئومۇمىي ئىشلارنى، ئۇرۇش رايونىدىكى ئاساسىي ئۇرۇشنى، ئارمىيە تۈرلىرىنى ئاساسلىق قۇرۇشنى باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىگە ماسلاشتۇرۇلدى، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى نىزامنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈلدى، دەۋر خاراكتېرى، ئىلمىيلىقى، توغرىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى، بۇ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي نىزام ۋە بارلىق ھەربىيلەر ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانى. يېڭىدىن تۈزۈتىلگەن ئورتاق نىزامنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى- يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.