ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن سۇرىيەگە ئالدىراپ قول سالىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:50

 

سۇرىيە ۋاقتى 14-ئاپرېل ئەتىگەندە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشققە ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى.7-ئاپرېل يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىش گۇمانىدىكى ئەينەن ئەھۋال تېخى ئېنىقلانماي تۇرۇپ، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن سۇرىيەگە ئالدىراپ قول سالىدۇ؟ تەھلىلچىلەر ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىپ قوزغىغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن سەۋەبلەردىن بولدى دېدى.

1. سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىشقا مەجبۇرلىدى.

سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغان يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باشار ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوللاۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرالمايلا قالماستىن يەنە ئاساسى ئۇرۇش مەيدانىدا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. ئامېرىكا باشار ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشىنى كۆرۈشنى خالىماي ئىلاجىسىز قول سېلىشقا مەجبۇر بولدى.

بىراق كارنىك ئوتتۇرا شەرق مەركىزىنىڭ مۇدىرى ماخا يەھيا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش پۇرسىتى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇ ئالاقىدار تەرەپلەر كەڭ دائىرىدە قاتناشقان دىپلوماتىيە سۆھبىتى بىردىن بىر چىقىش يولى دېدى.

2. ئامېرىكا دىپلوماتىيەسى قاتتىق قوللارنىڭ قولىغا ئۆتتى

خىمىيەلىك قورال ئوباما ھۆكۈمىتى بېكىتكەن سۇرىيەگە ھەربي ئارىلىشىشنىڭ تۆۋەن چېكى. ئىراق، ئافغانىستان، لىۋىيە ئۇرۇشى تەجرىبە ساۋىقىدىن ئىلگىرى ئوباما ئامېرىكىنى سۇرىيە كىرىزىسى پاتقىقغا پاتتۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى، بىراق سۇرىيەگە قاراتقان بۇ سىياسەتنى دۆلەت ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى قاتتىق قوللار ئەيىپلەپ، سۇرىيەگە قۇرال ئىشلىتىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلدى.

تىرامىپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئۆمىكى كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئونىڭ دىپلوماتىيە مەيدانى ئىنتايىن قاتتىق بولدى، يەنە كېلىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىگە ئۇزۇن بولمىغان زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بولتۇن داڭلىق قول كىشى. خىمىيەلىك قورال ھەم تۆۋەن چېكى ھەم سۇرىيەگە زەربە بېرىشنىڭ باھانىسى، بولتۇن بۇ بانانى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتىكى قاتتىق قوللۇق رولىنى نامايەن قىلدى.

3. چەتكە قىقىلغان ئوتتۇرا شەرق يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش

تىرامىپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىدا ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى سۈرەتلەپ بېرىلدى، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ئامېرىكىنى دۈشمەن دەپ قارىغان ھەر قانداق كۈچنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە بۇ يەردىكى دۈشمەن كۈچلەر رۇسىيە بىلەن ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تىرامىپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان،ئوتتۇرا شەرقتە بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى قوللاندى؛ بۇ ئىرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئەلچىخانىنى يۆتكەش پىلانىنى يولغا قويۇش، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدە كۆپ قېتىم تەھدىت سېلىش، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىم سۇرىيەدە خىمىيەلىك قۇرال ھۇجۇمى گۇمانى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال تىغ ئۇچىنى رۇسىيە بىلەن ئىرانغا قارىتىپ، رۇسىيە بىلەن ئىران سۇرىيەنىڭ يۆلەنچۈكى دەپ ئەيىبلىدى.

يەھيا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بۇ قېتىم سۇرىيەگە زەربە بېرىپلا قالماستىن ئىرانغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا زەربە بەردى. بىراق ئۇ ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي كۈچلىرىگە بىۋاسىتە قول سالمايدۇ دەپ قارىدى.

4. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش

ھازىر تىرامىپ ئۆمىكى خادىملار رەتلىك بولماسلىق، رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كېلىش قىيىنچىلىقىغا يولۇقماقتا.

تىرامىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يادرولۇق ئۆمىكىدىكىلەر ئالمىشىپ تۇردى، بولۇپمۇ بۇ يىل 3-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ئالماشتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بولتۇن دەرھال ۋەزىپىگە ئولتۇردى، تىرامپ ئۆمىكى داۋاملىق ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىدۇ. دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ياردەمچىسى توماس بوسايىت، دۆلەت خەۋىپسىزلىكى كومىتېتى ياردەمچىسى نادىيە شىدلو ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى، بۇنىڭ بىلەن تىرامىپنىڭ دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك يادرولۇق ئۆمىكىدە يەنە بىر مەھەل خادىملار ئازايدى.

تاشقى بېسىم جەھەتتە تىرامىپقا قارىتىلغان تەكشۈرۈش يەنىلا چوڭقۇرلاشتى. تىرامىپنىڭ خۇسۇسىي ئادۋوكاتى مايكول كوئىننىڭ ئىشخانىسى، تۇرالغۇسىنى 9-ئاپرېل قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى. تىرامىپ بۇنىڭغا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى روسىنىستان تەستىقلىغان ئىدى، رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارى مۇلنىمۇ رۇسنىستان تەيىنلىگەن ئىدى.

ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى يېقىنلىشىپ قالدى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ھەر قايسى ئىشتاتلاردا قەددىنى رۇسلاپ تارتقۇزۇپ قويغان جايلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە. تىرامپ دۆلەت ئىچىدە كۆپلىگەن توسالغۇلارغا يولۇقتى. بۇ ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، بىر مەيدان تېز ۋە قىسقا مۇددەتلىك چەتئەللەرگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت دۆلەت ئىچىكىدىكى زىددىيەت ۋە قىزىق نۇقتىنى بۇراشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى.