ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى «ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش» قىيىنچىلىقىنى يېڭەلەمدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-16 10:21

ئامېرىكا يېقىندا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلدى. بۇ بىر مەھەل كۈچلۈك دولقۇن قوزغىدى. بۇ كېلىشىم ئامېرىكىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىش قىيىنچىلىقىنى يېڭەلەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەتنى بۇزدى. ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كەسكىنلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئىران ئەگەر مەنپەئەتىمىز كاپالەتكە ئىگە بولسا، كېلىشىمگە يەنىلا ئەمەل قىلىمىز، دېدى. باشقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەردىن ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە كېلىشىمنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا ھازىرغا قەدەر ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى كۈچىنى تېخى يوقاتقىنى يوق.

بىراق، بەزى پايدىسىز ئامىللار ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەھدىت پەيدا قىلماقتا.

ئالدى بىلەن، ئىراننىڭ بۇ كېلىشىمگە داۋاملىق ئەمەل قىلىشىنىڭ ئالدىنى شەرتى ئۇنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، بۇ ئامېرىكىدىن باشقا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر كېلىشىمدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدۇ، داۋاملىق ئىران بىلەن نورمال سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىراننى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىن تېگىشلىك پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ دېگەنلىك.

ئەمەلىيەتتە، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش تەلىپىنى چۈشىنىدۇ، مەسىلە- ياۋروپا ئەللىرى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، داۋاملىق ئىران بىلەن نورمال ئىقتىساد ئالاقىسىدا بولالامدۇ-يوق؟

2015-يىلى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيەنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى، ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئىراندىكى سېلىنمىسى ۋە سودا پائالىيىتىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بىراق، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندا ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن سودا قىلىدىغان كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمىسا، ياۋروپادىكى بۇ كارخانىلار خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىران بىلەن يېڭى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى باشلىماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلىپ بولغان توختامىنىمۇ توختىتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئىران ئېرىشىدىغان ئەمەلىي مەنپەئەت زور دەرىجىدە ئازىيىپ، ئۇنىڭ كېلىشىمگە داۋاملىق ئەمەل قىلىش ئۈمىدىمۇ بىللە سۇسلىشىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىدا ئىككى خىل تاللىشى بار. بىرى قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتى كارخانىلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يەنە بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ياۋروپادىكى ئالاقىدار كارخانىلارنى جازالاشنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىش. ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىمدىكى مەنپەئەتى قوغدىلىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى داۋاملىق ساقلىنامدۇ يوق، ئىراننىڭ ئىچكى سىياسىي تەرەققىيات ئىستىقبالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي دۆلەت ئىچىدە قاتتىق قوللۇقلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى. روھانىي بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق ئاچقۇچ- ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىراننى كېلىشىمدىكى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش تەمىنلىمەسلىكىدە.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىراننىڭ تەخمىنەن 100 پارلامېنت ئەزاسى بىر لايىھىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ لايىھەدە ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپالىقلاردىن تېگىشلىك كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ ئېنىق ۋاقىت مۇددىتى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ خىل كاپالەت بولمىسا ئىران يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇران قۇيۇلدۇرۇش پائالىيىتىنى قايتىدىن باشلايدۇ.

ھازىرقى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى ئاسان قولغا كەلمىگەن، ھەر قايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۆپ دۆلەتنىڭ يادرو، سودا، جازالاش ، قانۇن قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر چامىنىڭ يېتىشىچە ھاسىل قىلغان ئەڭ ياخشى لايىھە. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈپ چىقىش ئېھتىمالى زور ئەمەس.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، بىر يېڭى كېلىشىم تۈزۈپ چىقىشقا مەن ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىمەن دېگەن. ئەمما ئىران ھازىرقى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە يەنە سۆھبەتلەشكۈدەك ئىمكانىيەت قالمىدى دەپ ئېنىق بىلدۈردى، ئىران يېڭى كېلىشىم تۈزۈشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.