زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھىندونېزىيەنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، «ئىسلام دۆلىتى»گە توختىماي قوغلاپ زەربە بېرىش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-16 14:33

ئىككى كۈن ئىچىدە، ھىندونېزىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سۇرابايا شەھىرىدە نۇرغۇن قېتىم پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بەردى. بۇ ھۇجۇملارنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئائىلە قوزغىغان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 25 ئادەم قازا قىلدى، نەچچە ئون ئادەم يارىلاندى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىكەن.

تەھلىلچى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە «ئىسلام دۆلىتى» ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار سۇرىيە، ئىراق ھەمدە فىلىپپىننىڭ جەنۇبى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەشكىلاتنىڭ تاشقى ئۈنۈمى ۋە زىيىنىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

پارتلىتىش ھۇجۇمى 13-ماي چۈشتىن بۇرۇن باشلاندى. بىر جۈپ ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ تۆت پەرزەنتى ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدىكى جاۋا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سۇرابايا شەھىرىدىكى ئۈچ چېركاۋدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىپ، 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 40 ئادەمنى يارىلاندۇردى، ھۇجۇم قىلغۇچى ئائىلە بويىچە جېنىدىن ئايرىلدى، ئەڭ كىچىكى توققۇز ياشلىق قىز ئىكەن.

13-ماي كەچتە، بىر تېررورچى سۇرابايا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سىدوئارجو ناھىيەسىدىكى تۇرالغۇسىدا پارتلاتقۇچنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئايالى ۋە 17 ياشلىق قىزى پارتلاپ كەتكەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. بۇ گۇماندارنى ئارقىدىن ساقچىلار ئېتىۋەتكەن.

14-ماي چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئائىلىلىك بەشەيلەن ئىككى موتوسىكلىتقا ئولتۇرۇپ سۇرابايا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان، تۆت ئائىلە ئەزاسى قازا قىلغان، ئالتە ساقچى ۋە تۆت پۇقرا يارىلانغان. بۇ ئائىلىنىڭ سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزى «پارتلىتىشتىن ھايات قېلىپ» دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

ھىندونېزىيە ساقچىلىرى مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئۈچ ئائىلە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىلاھى ھاكىمىيەت پارتىزانلار ئەترىتى»گە تەۋە ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە سادىق ئىكەنلىكى ھەققىدە قەسەم بەرگەن، ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ بېكىتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بالىلاردىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق قىلىشتىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيە پارلامېنتى 15-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېررورلۇققا قارشى قانۇنغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزىمىز، ئىيۇندا ئالاقىدار مۇنازىرىنى تاماملايمىز. يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىشىدە «ئالدىن مۇشت كۆتۈرۈشى»گە پايدىلىق.

يېقىندىن بۇيان ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى «ئىسلام دۆلىتى» سادىر قىلغان، نۇرغۇن ھۇجۇم قىلغۇچى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ «مىڭئاياغ»نىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا بىر قەدەر زور تاشقى ئۈنۈمى ۋە زىيىنى بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

تەھلىلچى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: بىرىنچىدىن، ئىراق ۋە سۇرىيەدىن ئايرىلغان «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزالىرى، ئۆز دۆلىتى زېمىنىغا قايتسىمۇ يەنىلا باشقا دۆلەتلەرگە سوقۇنۇپ بېرىۋالغان، ئۇلار «ئىسلام دۆلىتى» ئەقىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچىدىن، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايوندىكى تارمىقى داۋاملىق ئۆزئارا ماسلىشىپ، «ئىسلام دۆلىتى»دىن ئىبارەت بۇ نامدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىدىن، «ئىسلام دۆلىتى» بايرىقىنىڭ تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت، بۇ خەلقئارالىق تېررورچىلارغا نىسبەتەن داۋاملىق پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى تېررورچىلار داۋاملىق كاتتا ناملارنى دەستەك قىلىپ، كىشىلەرنى قورقۇتۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىلى يىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىق كەم بولسا بولمايدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى چەتلىشىش ھەتتا توسالغۇ بىلەن چۈشەپ قويماسلىق كېرەك. «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا باش كۆتۈرۈش ساۋىقىنى چوقۇم قوبۇل قىلىش كېرەك.

يىراقتىن قارىغاندا، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئارقىلىقلا ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشىمايدىغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، دىن ئارىسىدىكى سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتكەندىلا تېررورلۇقتىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى ئاندىن تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولىدۇ.