شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ، پەن-تېخنىىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا پائال قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-16 15:12

رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭدىكى ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرىنىڭ يازغان خېتىگە مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا مەركىزىگە ئايلىنىشى، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى قوللاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى ئەرباپلار بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھاملىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقى شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، كەلگۈسىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن پەن-تەتقىقات ئالماشتۇرۇش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنمۇ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ، دەپ قارىدى.

1995-يىلى شياڭگاڭ داشۆسى خىمىيە فاكۇلتېتىدىكى جى جىمىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان شياڭگاڭلىق تۇنجى ئالىمغا ئايلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدىكى ئاكادېمىكى 40تىن ئاشتى.

بىرلەشمە خەت يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شياڭگاڭ داشۆسىنىڭ پەخرى پېروفېسسورى چېن چىڭچۈەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقى شياڭگاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا قوشۇنىدىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئېقىمىغا قاتنىشىپ، شياڭگاڭنى خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادتا بۇرۇلۇش ياسىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكىسى جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئۇدا كۆپەيتتى. 2015-يىلى 11-ئايدا، ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى قۇرۇلدى، 2016-، 2017-يىللىرى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ پەن-تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكىسىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىشلىتىشىگە بەردى.

ئۇللۇق پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، مەبلەغ ئېھتىياجى كۆپ بولغاچقا، شياڭگاڭنىڭ پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرى دۆلەت مەبلىغىنىڭ بىۋاسىتە قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2017-يىلى 6-ئايدا، چېن چىڭچۈەن قاتارلىق 24 ئاكادېمىك رەئىس شى جىنپىڭغا بىرلىشىپ خەت يېزىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش تەقەززاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى يوليۇرۇقى دۆلەت پەن-تەتقىقات مەبلىغىنىڭ شياڭگاڭدا ئىشلىتىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇ شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماستىن، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن شياڭگاڭدىكى پەن-تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت ۋە شياڭگاڭنىڭ پەن-تەتقىقات تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شياڭگاڭ سىفىر پورتى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى لىن جيالى مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ بۇ ئالتۇن پۇرسەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە ئۈستۈنلىكى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن-تېخنىكا مەركىزىگە ئايلىنىشقا تىرىشىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى ئاستىدا، پەن-تېخنىكا ئىشلىرى ئوخشاشلا تېز تەرەققىي قىلدى. 2004-يىلى، ئاۋمېن پەن-تېخنىكا تەرەققىيات فوندى قۇرۇلدى، 2005-يىلى ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن ئاۋمېننىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلدى. ھازىرغىچە ئاۋمېندا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى.

ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ مۇدىرى ليۇ لياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقى بىزگە نىسبەتەن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئۇ ئاۋمېننىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنى ئىنتايىن روھلاندۇردى. بىز تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىمىز. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليۇرۇقى ئاۋمېننىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئوخشاشلا جاۋاب بولدى، بۇ ئاۋمېن بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشىگە، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىغا پايدىلىق.