تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچىنى قوشايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-12 10:57

تۈزەشتىن ئارتۇق ئامەت يوق، مالىمانچىلىقتىن ئارتۇق ئاپەت يوق. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ بۇ قەدىمىي تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى.

17 يىللىق ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشتىن تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ساھەسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، خەۋپ-خەتەردە بىللە بولىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.

9- ۋە 10-ئىيۇن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش يولىدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، ئورتاق بىخەتەرلىك يېڭى تەدبىرلىرى تۈزۈلىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ.

سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 17 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزئارا ئىشىنىش ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «شاڭخەي روھى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تىنچلىقنى مەڭگۈ ساقلاش»تەك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مىزانىنى تۇرغۇزۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى.

كامبودژا پىنومپىن خان جەمەتى داشۆسى خەلقئارا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دالى نىك مۇنداق دېدى : شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەل «شاڭخەي روھى» غا ئەمەل قىلىپ، بىر خىل ماسلىشىشچان ئوخشاش بولمىغان ئىدېئولوگىيە، ئىجتىمائىي تۈزۈم، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسىنى ياراتتى.

بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا «تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى»نى ئىمزالىدى، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئېنىق ئېنىقلىما بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى، زەھەر چەكلەش ھەمكارلىقى كېلىشىمى، جىنايەتكە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش كېلىشىمى قاتارلىق بىر قاتار بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى. 2014-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر 6-ئايدا، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك قانۇنىي ھۆججەت ئىمزالاندى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىشنىڭ قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.

بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز موللاشتى. باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكىدىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى، بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپلىرى يىغىنى، زەھەر چەكلەش تارماقلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىشقىچە ھەمدە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، ئاخبارات ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تورى ۋە تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چوڭ تىپتىكى پائالىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياخشى ھەرىكىتى- رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى مۇھىم تايانچىغا ئىگە قىلدى؛ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئافغانىستان ئالاقە گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدى.

چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى 10 نەچچە پارچە بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىنى تەستىقلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى قوشىدۇ.