پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئارگېنتىنانىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە تەسىر كۆرسەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-12 11:01

ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تاپيا 6-ئىيۇل : ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ئېرۇسالمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئىسرائىلىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر قېتىملىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ: مەن ھەممەيلەننىڭ بۇ قارارنى دۇنيا تىنچلىقىغا قوشقان تۆھپە دەپ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

تاپيا بۇ خەۋەرنى بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلدى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى ھازىر بارسېلونادا كېلىش ئالدىدا تۇرغان رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق مەشىقى قىلىۋاتىدۇ. ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەسلى 9-ئىيۇن ئىسرائىلىيە كوماندىسى بىلەن يېرۇسالېمدا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى.

تاپيا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 72 سائەتتە يۈز بەرگەن بەزى ھەرىكەت ۋە تەھدىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلار بىزنى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ پۇتبول چولپىنى ئىگۇائىن ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ : ئۇلار ئاخىرىدا توغرا ئىش قىلدى، دېدى.

يۇقىرىقى خەۋەر تېزدىن پەلەستىننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. پەلەستىن ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىدىكى شەھەر خايفادا ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇ بىر مەسىلە بولمايتتى.

پەلەستىن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لاجۇب ئىيوردان دەرياسىنى غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر راماللادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەلىكلەر مېسسى ۋە ئارگېنتىنا كوماندىسىدىكى باشقا چولپانلاردىن پايدىلىنىش غەرىزىدە بولغان، مەن ئارگېنتىنانىڭ بۇ توغرا قارارىغا رەھمەت ئېيتىمەن شۇنداقلا بۇ قارارىغا قايىل.

پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماسمۇ ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرى ئىسرائىلىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئارگېنتىنا كوماندىسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بولغان تەھدىت ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب، ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تەنتەربىيە مىنىستىرى رېگېۋ مۇسابىقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىگەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب شۇكى، تېررورچىلارنىڭ مېسسىي، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى شۇنداقلا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا قىلغان تەھدىتى. لېكىن رېگېۋ بۇ «تەھدىت» توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىدى.

ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 6- ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 5-ئىيۇن يېرىم كېچىدە ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرىي بىلەن تېلېفونلىشىپ،ماكرىينىڭ ئارىغا چۈشۈپ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى توسۇشىغا دەۋەت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇن يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئىسرائىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئىككى تەرەپ ھازىر مۇسابىقىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىك ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋېتىپتۇ.

ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپ ساندىكى تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە: توپ مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى بىلەن ئورنىنىڭ بەك سەزگۈر بولۇشى، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

نۆۋەتتە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ رايون ۋەزىيىتى كەسكىن. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيە پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قارار ئەرەب ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، شۇندىلا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ غۇۋالاشتۇرۇۋەتتى.

بۇ يىل 14-ماي ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى تېلاۋىفتىن يېرۇسالېمغا كۆچۈرۈلۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، زور كۆلەملىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە قانلىق توقۇنۇشى پەيدا قىلدى. پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر توقۇنۇشتا 120 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، نەچچە مىڭ ئادەم يارىلانغان،ئەمما تېخىچە بۇ توقۇنۇشنىڭ تىزدىن بېسىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن.

ئىسرائىلىيە 1967-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئېرۇسالىمنى «مەڭگۈلۈك ۋە ئايرىلماس پايتەخت»تىمىز دەپ جاكارلىدى. ئەمما پەلەستىن شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پەلەستىن تەرەپنىڭ مەيدانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.