"تامچە سۇ تاشنى تېشەر" روھى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە غەلىبە قىلايلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-23 18:14

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 23-ئىيۇن "تامچە سۇ تاشنى تېشەر" روھى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە غەلىبە قىلايلى ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر يىل ئىلگىرىكى 23-ئىيۇندا باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەندە كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى مەركەزلىك تەتقىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم سۆزىدە تامچە سۇ تاشنى تېشىشتىن ئىبارەت شەرقىي فۇجيەن روھى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنى قەلبىگە ئۇلۇغ پىلان پۈكۈپ، پۇختا ئىشلەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىغا قەدەم تاشلاپ، داۋاملىق تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

تامچە سۇ تاشنى تېشىش روھى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىلى نىڭدېدا ئاساسلىق رەھبەر بولۇپ ئىشلىگەندە زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان خىزمەت ئىستىلى. دەل بۇ خىل بوشاشماسلىق روھى ۋە چىدامچانلىق كەيپىياتىغا تايىنىپ، ئىلگىرىكى كونا ئازاد رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونى، چېگرا رايون، ئارال رايونى ۋە نامرات رايوندىن ئىبارەت شەرقىي فۇجيەن نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا شەرەپلىك نىڭدې سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدىكى كۆزگە چېلىقارلىق نەتىجە بولۇپ قالدى.

شەرقىي فۇجيەن نەزىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تىكتى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، رەھبەرلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىك كۆتۈرۈلدى. ئېلىمىزدىكى نامرات نوپۇس 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 98 مىليون 990 مىڭدىن 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى 30 مىليون 460 مىڭغا ئازىيىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى يېزىلدى.

يۈز چاقىرىم يول ماڭغۇچىغا 90 چاقىرىم يېرىم يول ھېسابلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرۈشى قەرەلىدە تاماملانسا، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى يەنە تەخمىنەن 30 مىليون نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. كۆك نامراتلىق ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، تامچە سۇ تاشنى تېشىشتىن ئىبارەت شەرقىي پۇجيەن روھى مەنبەسىدىن ئوزۇق ئېلىپ، داۋاملىق تۆھپە قوشۇش روھى خىسلىتى ئارقىلىق ئالدىنقىلارنىڭ يولىنى تەۋرەنمەي بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

تامچە سۇ تاشنى تېشەلىشىدىكى سەۋەب ئىزچىللىقتا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدا ئاسانلىقچە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت بوشاڭلىق قىلماي ئالغا ئىنتىلگەندىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئومۇمي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە كۆپ تەرەپلەرنىڭ كۈچى، كۆپ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىدىن ئىبارەت زور نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ؛ گەۋدىلىك چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشنى نۇقتا، زور نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە كەنتلەر ئائىلىلەرگە بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى تۇتقا، كەمكوسلارنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تېرەكلىك كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، لوم تۆمۈر سۈركەپ يىڭنىگە ئايلاندۇرۇش، قۇمدىن مۇنار ياساشتىن ئىبارەت بوشاشماي كۈرەش قىلىشتەك خاراكتېر ئارقىلىق، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇقىم ، سۈپەتلىك قەرەلىدە ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاممىغا ئېتىراپ قىلدۇرايلى، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزەيلى.

سۇنىڭ تامچىلاپ تاشنى تېشىۋېتىشى ئۇنىڭ دەل تەگكەنلىكىدىن يەنى سۇ تامچىسى پەقەت تاشقا دەل توغرىلىنىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، قەتئىي تەۋرەنمەي، ئايمۇ-ئاي، يىلمۇ يىل تامچىلىغاندا ئاندىن سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىۋېتىشتەك مۆجىزە پەيدا بولىدۇ. بۈرگىنى گىراناتتا ئۆلتۈرىدىغان، تەڭ تەقسىماتچىلىق قىلىدىغان خاھىشلاردىن قول ئۈزۈش لازىم. ئۇلۇغ سۇدا باستۇرۇپ سۇغۇرۇشنى دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، نىشانلىق ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: "كەمبەغەللىكنىڭ يىلتىزىنى توغرا تېپىپ، نىشاننى ئېنىق بېكىتىپ، ئۇچىسىغا ماس كەلتۈرۈپ تىكىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، دەل جايىدا، يىلتىزىدىن يۆلىگىلى بولىدۇ".

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: تامچە سۇلاردىن ھاسىل بولغان ئىنچىكە ئېقىنلار يىغىلىپ ئاخىرىدا ئۇلۇغ دەريا بولۇپ ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، "سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش" روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي نامراتلارنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىۋاتقان قەدىمىمىز بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلايلى!