ئامېرىكىدا نامراتلىق ۋە باراۋەرسىزلىك مەسىلىسى ئېغىر بولماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-24 14:24

 

22-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى چېكىگە يەتكەن نامراتلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچى ئالىستون ئامېرىكىدىكى نامراتلىق ۋە باراۋەرسىزلىك ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:چېكىگە يەتكەن نامراتلىق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بىرىكمىسى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئاجىز كىشىلەر ھەتتا ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان نامراتلىق مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالىستون سۇنغان ئامېرىكىدىكى چېكىگە يەتكەن نامراتلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: ئامېرىكىدا نامراتلىق ۋە جەمئەتتىكى باراۋەرسىزلىك مەسىلىسى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن تېخىمۇ ئېغىر،ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىش يۈزلىنىشى كۆرۈلمەكتە، مەلۇماتقا قارىغاندا، بۈگۈنكى ئامېرىكىدا تەخمىنەن 40مىليون نامرات نوپۇس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 18مىليون 500مىڭى نامراتلىقتا چېكىگە يەتكەن.

ئالىستون سۆزىدە بۇ دوكلاتنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ داۋالاش سىستېمىسىدا نۇقسانلار كۆپ، ئامېرىكىدا داۋالىنىش چىقىمى چىلى ۋە كوستارىكانىڭ 8 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، ئەمما كۆزلەنمە ئۆمۈر سەۋىيەسى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئوخشاش، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تايلاندنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

ئالىستون ئامېرىكىدىكى بەزى تاراتقۇلاردا ئېيتىلغان ئامېرىكا ئىقتىسادى زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ رەھبەرلىكىدە تەرەققىي قىلدى دېگەن سۆزگە قارىتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە كىمىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپ ئالغانلىقىدا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىن بايلار تېخىمۇ باي بولدى ئەمما كەمبەغەللەر بۇنىڭدىن نەپ ئالالمىدى، ئامېرىكىدا كىرىم باراۋەرسىزلىك ھادىسىسى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، زور كۆلەملىك باجنى ئازايتىش پىلانلىرى بايلارنى تېخىمۇ قوغدىدى، باراۋەرسىزلىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي %1 كىشى ئىگىلىگەن بايلىق داۋاملىق كۆپىيىپ،2016-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ %38.6نى ئىگىلىگەن، ئەمما ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %90نى ئىگىلىگەن پۇقرالار ئىگە بولغان بايلىق ۋە كىرىم سەۋىيەسى ئۆتكەن 25 يىل ئىچىدە ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەمگەك كۈچىنىڭ %80نى ئىگىلىگەن ئىشلەپچىقىرىش خادىملىرى ۋە باشقۇرۇش كەسپىدىن باشقا ئورۇندىكى ئىشچىلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 2017-يىلى ئازراق تۆۋەنلىگەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن مائاش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشىغا يەتمىگەن، داۋالىنىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان.

باي كەمبەغەللىك پەرقى بارغانسېرى ئامېرىكا جەمئىيىىتىدە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان ئېغىر تەبىقە ئايرىمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئىلگىرى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: يۇقىرى قاتلامغا چىقىش ئىستىقبالى بارغانسېرى غۇۋالاشماقتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن كەلگەن پايدا بايلارغا تەئەللۇق بولماقتا، يۇقىرى قاتلامغا چىقىش ئارزۇسى بارغانسېرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خام خىيالىغا ئايلانماقتا، ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆزىنى دېموكراتىيەنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكىدا ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيە بۇزۇلماقتا، ئامېرىكىدا جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسى خۇسۇسىيلىشىپ، بايلارغا پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ، نامراتلار ۋە ئۆي ماكانسىزلار ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا.

ئالىستون ئامېرىكىنىڭ 19-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەممە تەرەپ ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك، ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا دۆلىتىدىكى 40مىليون نامرات نوپۇسنى تۈگىتىشكە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىسا بۇنى تەكشۈرۈش زۆرۈر.

ئالىستون سۆزىدە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى ئامېرىكا نۆۋەتتىكى مەسىلىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، ئىككىنچى ئەقىلگە سىغمايدىغان باج سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك، ئۈچىنچى، ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى ئورنىتىشى كېرەك.

ئالىستوننىڭ قارىشى ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، باش ئىشتابى نيۇيورىكتا تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلات تۇغۇت ھوقۇقى مەركىزى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت، بولۇپمۇ تۇغۇتلۇق نېگىر ئاياللارنىڭ تۇغۇتىدا قازا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئاق تەنلىك تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ 3، 4 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلات ئاياللار خەلقئارا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئىتتىپاقى مۇنداق دېدى: ئالىستوننىڭ دوكلاتى ئامېرىكىدا ئېرىقچىلىق، تەبىقە، جىنىس، مائارىپ ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىكنى ئىسپاتلاپ بەردى.