ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر دولقۇنىنى توسمىغا تەس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-24 14:26

 

ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە «قەتئىي يول قويماسلىق» سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، مېكسىكا چېگراسىدىن ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان بەزى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىلىك كىشىلەر كۆرۈنەرلىك ئىككىلىنىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن نۇرغۇن كۆچمەن بالىلارنى ئېلىپ كېتىش ئۇسۇلى ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىپ قويدى.

بىراق، بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى قاتتىق قوللۇق ۋاسىتە پەقەت قىسقا مۇددەت ئۈنۈم بېرىدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتى ۋە جىنايەت شايكىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدىن كىرىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر دولقۇنىنى توسۇش تەس.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىلىك زور بىر تۈركۈم كىشىلەر ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىغا كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە گىۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە سالۋادورلۇقلار بىر قەدەر كۆپ. نۇرغۇن ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىدىكى خەلق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى سەۋەبلىك يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نامراتلىق ۋە قارا گۇرۇھلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشى سەۋەبلىك گىۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە سالۋادورلۇقلار ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئامالسىز قالغان.

شىۋېيتسارىيە جەنۋە ئالىي خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە تەرەققىيات شۆيۈەنىنىڭ «كىچىك قورال تەكشۈرۈش» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن دۆلەتلەر ئىچىدە، سالۋادوردا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلۈش نىسبىتى 7 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان سۇرىيەنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىكەن. 2016-يىلى، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە ھەر 100 مىڭ ئاھالە ئىچىدە 99.7 ئادەم قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

نورۋېگىيە مۇساپىرلار ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سالۋادوردىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھنىڭ زېمىن تالىشىش كۈرىشىنىڭ تەسىرىدە، سالۋادوردا بۇلتۇر 296 مىڭ ئادەم ماكانسىز قالغان. قوشنا دۆلەت ھوندىراس ئۇزۇندىن بۇيان، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھلىرى ئامېرىكىغا زەھەر ئەتكەس قىلىدىغان ئۆتكۈنچى بېكەت دەپ قارىلىپ كەلدى، بۇلتۇر 11-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىن كېيىن، سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولمىدى. خەلقئارا كىرىزىس تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ گۋاتېمالادا تۇرۇشلۇق ئانالىزچىسى سوفىيە مارتىنېز ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئۈچ دۆلەتتىكى قارا گۇرۇھلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى-ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك بۇرۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا «قەتئىي يول قويماسلىق» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، ھەر قايسى چېگرا ئىشتاتلىرىنىڭ قوشماشىتات تەپتىش ئەمەلدارلىرىدىن قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكەن جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكىغا كىرمەكچى بولغان بەزى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىلىكلەر ئىككىلىنىپ قالدى.

سالۋادورنىڭ پايتەختى سان سالۋادور ئاھالىسى سانتا تېكىرا مۇنداق دېدى: مەن يول بويىدىكى دۇكانلارغا گۈرۈچ ۋە ماي توشۇپ تىرىكچىلىك قىلىمەن، ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ ئايلىق مائاشى 700 ئامېرىكا دوللىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككىمىز پۇل يىغىۋاتىمىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە 8 ياشلىق ئوغلىمىزنى ئېلىپ ئامېرىكىغا بارىمىز. بىز ھەمىشە ئامېرىكىغا بېرىشنى ئويلايمىز، لېكىن پۇلىمىز يېتىشمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىز قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرگەندىن كېيىن ئېچىنىشلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.

تېكىرانىڭ دېمەكچى بولغىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئايرىۋېتىش بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى جامائەتچىلىك بۇنى تەنقىد قىلدى. ترامپ 20-ئىيۇن مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، بۇ ئۇسۇلنى توختاتتى.

بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قارىتا « ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بېرىش »نى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ دۆلەتلەر سالۋادور ۋە ھوندۇراسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بۇ سىياسەتكە باب كېلىدىغان 57 مىڭ ھوندىراسلىق ۋە 200 مىڭ سالۋادورلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قاتتىق كۆچمەنلەر سىياسىتىنى يولغا قويغان، قولغا ئېلىنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى بىر مەزگىل تۆۋەنلىگەن. لېكىن ترامپ ئۈنۈمىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئازىيىش ھالىتى پەقەت 7 ئايلا داۋام قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرى كۆچمەنلەر سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ رەئىسى ئاندرو سېلېي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا چېگرانى قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىنى خەۋەر قىلىشى بىلەن بەلكىم بىر قىسىم ئوتتۇرا ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىغا كىرىش قەدىمىنى توختىتىشى مۇمكىن. لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردىكى نامراتلىق ھالىتى ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىدۇ، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس.