پۇتىن مون جەئىن موسكۋادا سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-24 14:27

 

مون جەيىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا رۇسىيە بىلەن ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن زىيارەتكە كەلگەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جەئىن 22 – ئىيون موسكۋادا سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مون جەئىن يېرىم ئارال ۋەزىيىتى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ئورتاق مەنپەئەتنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى. رۇسىيە بىلەن كورېيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: مون جەئىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رۇسىيە بىلەن كورېيەنىڭ ئېلېكتىر، ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ھەمكارلىقى قاتارلىق ئۈچ پارچە ئەسلەتمە ئىمزالىغان، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا رايونى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىككى تەرەپ يەنە بىر يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرىدۇ، ھەمدە موسكۋادىكى كورېيە رۇسىيە پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ كەسپى پائالىيىتىنى كېڭەيتىدۇ.

كىرېمل سارىيى تور بېكىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا: پۇتىن مون جەئىن بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېگەن : رۇسىيە بىلەن كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى باش مەقسەت قىلغان بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن كورىيە، رۇسىيە، كورېيە ۋە چاۋشيەندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەتقىق قىلىشى زۆرۈر. رۇسىيە بىلەن كورېيە تۆمۈريول، يېقىلغۇ گاز ۋە ئېلېكتىر كۈچى تەرەققىيات تۈرىدە ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مون جەئىن كورېيە بىلەن رۇسىيە قاتارلىق شىمالدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان يېڭى شىمال سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن مەقسەت كورېيە بىلەن ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقدىن پايدىلىنىپ يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ پەسەيشى كورېيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى شىمال سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. كورېيە شىمال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى سۇڭ يۇڭجى كورېيە مىللىي گېزىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كورېيە رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئىلگىرى كۆپىنچە ھاللاردا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلدى. يېڭى شىمال سىياسىتىنى يولغا قويۇشمۇ تەسكە توختىغان ئىدى.

كورېيە جامائەتچىلىكى مون جەئىننىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، يېڭى شىمال سىياسىتىگە تۈرتكە بولغانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، يېڭى شىمال سىياسىتى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 4-قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە تۈزگەن ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن نۇرغۇن بىرىكىش نۇقتىسىغا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ دەپ قارىدى.

كورېيە ئاسىيا ئىقتىسادى گېزىتى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى : كورېيە ھۆكۈمىتى مون جەئىننىڭ رۇسىيەدىكى زىيارىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، يېڭى شىمال سىياسىتىدىكى يادرولۇق شېرىكى رۇسىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ھەمدە كورېيە، چاۋشيەن، رۇسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىتى.

بىراق، يەنە بەزى قاراشتىكىلەر، كورېيە، چاۋشيەن، رۇسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى نۆۋەتتە يەنىلا بىر خىل ئارزۇ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، يەنە يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە تىنچلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش مۇساپىسى، بولۇپمۇ چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازالاشنىڭ قاچان بىكار قىلىنىشغا ناغلىق. ئەمما چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىش جەھەتتە، كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مەيدانى ئوخشاش ئەمەس.

مون جەئىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ئالاقىلەشتى ۋە ماسلاشتى.ھەمدە، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىرېمل سارىيى تور بېكىتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، پۇتىن مون جەئىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېگەن : رۇسىيە بىلەن كورېيەنىڭ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدىكى مەيدانى ناھايىتى زور دەرىجىدە بىردەك، رۇسىيە داۋاملىق يېرىم ئارالدىكى بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. مون جەئىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيە بىلەن رۇسىيە يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى قوغداش قاتارلىق قارالمىلاردا ئورتاق نىشانغا ئىگە، ئىككى تەرەپ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زىچ ھەمكارلىشىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن كورېيە، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىرى سىنگاپوردا ئۇچراشقان مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ يېرىم ئارالنى ئاخىرقى ھېسابتا يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر تەرەپتىن، كورېيە يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە رۇسىيەنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ھەمدە چاۋشيەننىڭ قوشنىسى بولغان رۇسىيە،كورېيە بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنى چاۋشيەن مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى يېۋگىنى،كىم مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش رۇسىيەنىڭ ئىزچىل نىشانى. رۇسىيە كورېيەنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە تەڭپۇڭ سىياسىت يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كورېيە سېئۇل خەۋەرلىرى گېزىتى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مۇن جەئىن، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە رۇسىيەنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېرىم ئارال تىنچلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىغا كېڭەيتىش جەريانىدا، كورېيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر.