بۇرۇنقى ئىتتىپاقداشلار يۈز ئۆرۈشتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىق تەدبىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-24 17:31

 

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا 22-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئىككى مىليارد 800 مىليون ياۋرولۇق مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، نەچچە ئايدىن بۇيان گېپى بولۇۋاتقان ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى ئاخىرى ئەمەلىيلەشتۈردى.

بۇرۇنقى ئىتتىپاقداشلار ئەمدى يۈز ئۆرۈشۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قارشى ھەرىكەت قوللاندى. ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئىتتىپاقدىشى ۋە «يېقىن دوستى» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تەدبىرىدىن ئامالسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇردى.

بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ ئىمپورت قىلىنغان پولات مەھسۇلاتلىرىدىن %25، ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن %10 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەڭگۈلۈك كەچۈرۈمگە ئېرىشىشكە تىرىشقان ئىدى، ئەمما ئامېرىكا ئۆزۈڭگىدىن چۈشمەي قاتتىق پوزىتسىيە تۇتتى.

«ئامېرىكا ئەلا» سىياسىتىنى توۋلىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر ئاممىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتنى قايرىپ قويۇشىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگۈسى كەلمىدى. ئەمما تىرامپ سودا مەسىلىسىدە ئۇلارغا يۈز خاتىرە قىلمىدى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ، «ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن چۈشنى ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلدى.

ئامېرىكا 1-ئىيۇندىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق ئۈچ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ «رەھىمسىزلىكى»دىن دىلى سۇندى، غەزەپلەندى، شۇڭا ئىيۇننىڭ باشلىرىدا بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاقابىل تۇرۇش تىزىملىكىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئاپېلسىن شەربىتى، خاسىڭ مۇرابباسى، پادىچىلار ئىشتىنى، گىرىم بۇيۇملىرى، موتوسىكلىت ۋە پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىككە كىرىشىدىكى سەۋەب، ياۋروپا بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى تەسىرى زور بىر قىسىم ئەزالارنىڭ يۇرتىغا قول سېلىپ، باج قوشۇپ ئېلىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى ئەلرايى قوللاش نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكچى. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا يېرىم يىلمۇ قالمىغان ئەھۋالدا بۇ تەدبىرنى دەل زەربە، دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىق تەدبىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىلا ئەمەس، كانادا، مېكسىكا، تۈركىيە قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ سودا شېرىكلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قارشى تۇرۇپ، قارشى تەدبىر قوللاندى.

كانادا 1-ئىيۇلدىن باشلاپ 12 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىشنى قارار قىلدى، باج ئېلىش تىزىملىكىدىكى تاۋارلار پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى، شېكەر قىيامى، ۋىسكى، ئاپېلسىن شەربىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېكسىكا 6-ئاينىڭ باشلىرىدا ئالما، پىشلاق، پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق قىسمەن ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە %25 تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىدى.

تۈركىيە 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان 267 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋاردىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشقا باشلىدى، تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان مەھسۇلات جەمئىي 22 خىل بولۇپ، كۆمۈر، قەغەز، ياڭاق، بادام، تاماكا، گۈرۈچ، ۋىسكى، ئاپتوموبىل، گىرىم بۇيۇملىرى، ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى ۋە نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا-ياۋروپا سودا توقۇنۇشى قانداق ئاياغلىشىدۇ، بۇنى قىياس قىلماق تەس. قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، ئاتلانتىك ئوكيان ئاسمىنىدىكى سودا ئۇرۇشى تۇمانلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ياۋروپانىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدە كەڭ دائىرىلىك ئەندىشە قوزغىدى.

ۋولۋو ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى زاۋۇتى 20-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى چارلىستون شەھىرىدە قۇرۇلدى. بۇ ئەسلى ياخشى ئىش ئىدى، ئەمما قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا، ۋولۋو ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ لىدىرى خاكان سامۇئېلسون ئەندىشىسىنى يوشۇرالماي، سودا تالاش-تارتىشىنىڭ يېڭى زاۋۇتنى كۆزلىگەن پايدىغا ئېرىشتۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىدى.

چارلىستون زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق زاپچاسلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى شىمالىي ئامېرىكا رايونى تەمىنلەيدۇ، قالغان يېرىمى ياۋروپا، ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇندىن باشقا بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارنىڭ يېرىمى ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىدۇ، قالغان يېرىمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلىدۇ. شۇڭا يېڭى زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان ھالقىلاردا بىر قەدەر تۆۋەن تەننەرخنى ساقلاش ئۈچۈن ئەركىن ئوچۇق خەلقئارا سودا مۇھىتىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

تەھلىلدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆل يىغىندىلىك تەپەككۇرى ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى «تولدۇرغۇسىز زىيان»غا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى سىتايىنمېل يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ، مەن ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىغاندا، «ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى»دىن تېخىمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلىمەن، «بۈگۈنكى زەربە پەيدا قىلغان زىيان تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ مۇھىمى بۇنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ»، دېدى.