سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دېرا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا ھازىرغىچە ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىغا ياردەم بەرمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-29 14:52

جەنۇبتىكى دېرا ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 26-ئىيۇن دېرا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى يولىنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولدى.

سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دېرا شەھىرىنى تېررورچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىش كۈرىشى باشلانغان.

دېرا شەھىرىنىڭ جەنۇبىنى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرى، شىمالىنى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قوراللىقلار كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېرا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايدىن قويۇق ئىس-تۈتەكلەر كۆتۈرۈلگەن، پارتلاش ئاۋازى ئۈزۈلمىگەن، ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ئايلىنىپ يۈرگەن.

ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە يېقىن بىر قومانداننىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى دائىرىلىرى دېرا ئۆلكىسى بىلەن ئىيوردانىيە چېگرالىنىدىغان جايدىكى ناسىبنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنىڭ ئىقتىساد جان تومۇرىنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولغان.

دېرا ئۆلكىسى سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتا ئىيوردانىيە بىلەن تۇتۇشىدۇ، غەربىي قىسمى ئىسرائىلىيە بېسىۋالغان گولان ئېگىزلىكىگە يېقىن. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا پايتەخت دەمەشق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ كونترول ھوقۇقىغا قايتىدىن ئېرىشكەندىن كېيىن، جەنۇبتىكى ئۆلكىلەرگە قاراپ ئىلگىرىلىدى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىر ھەپتە بۇرۇن دېرا ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇم ئاساسلىقى دېرا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرى كونتروللۇقىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا مەركەزلەشتى.

ئەنگلىيەنىڭ لوندونغا جايلاشقان «سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش» تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: بىر ھەپتىدىن بۇيان، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 24 ئەسكىرى، ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنىڭ 29 ئادىمى ۋە 30 نەچچە پۇقرا ئۇرۇشتا قازا قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: دېرادىكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، 45 مىڭ پۇقرا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇندىن بۇرۇن: بۇ ئۇرۇش ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرى كونتروللۇقىدىكى رايوندىكى 750 مىڭچە پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بېتىنا رۇشېل مۇنداق دېدى: بۇ تەشكىلات 30مىڭ پۇقراغا يېمەكلىك بەردى، بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە سۇرىيە چېگراسىغا تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىك يۆتكىمەكچى. پەرىزىمچە ئۇرۇش ئەدەپ كەتسە، مۇساپىرلار ھەسسىلەپ كۆپىيىشى مۇمكىن.

دېرا ئۆلكىسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى بىر ساقچىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەتراپتىكى نۇرغۇن يېزىلار بىر قانچە كۈندىن بۇيان قۇرۇقدىلىپ قالغان.

ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى 26-ئىيۇن: ئىيوردانىيە-سۇرىيە چېگراسىنى داۋاملىق تاقايمىز دېدى. ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافادى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتتىردا: بىز قېرىنداشلىرىمىزغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە مەنپەئەتىمىز ۋە بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدايمىز دەپ يازدى.

دېرا ئۆلكىسى ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىيوردانىيە بەلگىلەپ بەرگەن «توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى پەسەيتىلىدىغان رايونى»ئىچىگە جايلاشقان. ئامېرىكا ئىلگىرى سۇرىيەنى دېراغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

بىراق سۇرىيە ئەسكەر چىقارغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ھازىرغىچە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىغا ئاشكارا ياردەم بەرمىدى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرىنىڭ بىرى بولغان «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى»گە ئۇچۇر بېرىپ، قارشى تەرەپكە ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ياردەم كۈتمەسلىكنى ئېيتقان.

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن، بۇ رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە يەنە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.