نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا، ھەقىقىي تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-29 14:54

نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش-باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن خىزمەتلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى ھەر يىلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى ئېغىر، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىش شەرت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 11-ئايدا، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى ئوبلاستى خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «نامراتلارنى دەل يۆلەش»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالتۇن ئاچقۇچ بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 10-ئايدا، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدە، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قوللانغان مۇھىم تەدبىرى-نامراتلارنى دەل يۆلەش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشتىن ئىبارەت دېدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئالتىدە دەل بولۇش، يەنى يۆلەش ئوبيېكتى، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەنتلەرگە قاراپ ئادەم ئەۋەتىش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ دەل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. بىز سىياسەتنى تۈرگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، ئادەم ۋە ئورۇنغا قاراپ يولغا قويۇش، نامراتلىق تۈرىگە قاراپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈمىنى يۆلەشتە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش، بىر تۈركۈمىنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش، بىر تۈركۈمىنى تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015-يىلى 11-ئايدا، مەركەز نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچ-يولنى توغرا تېپىش، ياخشى تۈزۈلمە مېخانىزم ئورنىتىش، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىپ، كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەشتە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇق شوئار توۋلاش، شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش، كۆڭۈلدە سان بولماسلىق، قارىغۇلارچە، قارىسىغا ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، سۇنى بولۇشىغا قويۇۋېتىش، يۈزەكى كۆزىتىش، ئىشنى ئەستايىدىل قىلماسلىق، گىرانات بىلەن چۇسا ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇشتا ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، دەل ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىن ھەقىقىي گۇمپا ئىشلىتىپ، دەل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش لازىم.

نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم يېرى ئۇنىڭ دەللىكىدە، ئالدى بىلەن يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى دەل جايىدا بېكىتىش كېرەك. گۈيجۇ ئۆلكىسىدە يەنە ئىككى مىليون 800 مىڭ نامرات نوپۇس بار، گۈيجۇ ئۆلكىسى چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا-سانائەت، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق 17 تارماقنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ھەمبەھرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. گۇيجۇنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بۇلۇت تېخنىكا ئىشلىرى مەسئۇلى تەن شياۋيۈ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى نامرات ئائىلىلەرنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، نامراتلىشىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك دېدى.

نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم يېرى ئۇنىڭ دەللىكىدە، ئوخشىمىغان نامرات جايلار ۋە نامرات نوپۇسنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، سىياسەتنى دەل يولغا قويۇش لازىم. گەنسۇ ئۆلكىسى يۇڭچاڭ ناھىيەسى جيۇبا كەنتىدىكى ئەي مېيخۇانىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، يولدىشى سىرتقا ئىشلىگىلى كەتكەن، ئۇ ئۆيىدە قېلىپ ئىككى بالىسى بېقىۋاتقان ئىدى، كەنتتىكى ياردەم ئەترىتى ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرھال باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش چارىسىنى تۈزدى.

ئەي مېيخۇا مۇنداق دېدى: ياردەم ئەترىتى بىزگە ياردەملىشىپ 80 مىڭ يۈەنلىك ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئېلىپ بەردى، بىز بۇ پۇلغا بىر نەچچە تۇياق كالا سېتىۋېلىپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردۇق، تېخنىكلار بىزگە كالىنى قانداق بېقىشنى ئۆگەتتى، كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

نامراتلارنى دەل يۆلەش-نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، جياڭشى ئۆلكىسى يۈدۇ ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىق تىزىملىكىدىن چېكىنىش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى قايتىدىن ھېسابلاپ، ئېغىزدا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش، سان-سىپىر جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تۈگەتتى. نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى يې شياۋفېي مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى، بولۇپمۇ نامراتلىق ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىرىنى قەتئىي چېكىندۈرمىدۇق، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سۈپىتى يۇقىرى بولمىغانلىرىنى مەجبۇرلاپ چېكىندۈرمىدۇق. نامراتلىقتىن خاتا چېكىندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، ئەمما سۈپىتى يۇقىرى بولمىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا، بىز تەدبىرلەرنى تولۇقلاپ، نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلاندۇق.

نۆۋەتتە، 2020-يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاستىدىكى يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ بولۇشقا يەنە ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇشنىڭ تۈپ تاكتىكىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛ دىققەتنى ئېغىر نامراتلار جايلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىغا قارىتىپ، بىرمۇ كەنت، بىرمۇ ئادەمنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.