چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار ۋە سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلار:ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-29 15:05

2018-يىلى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بارغان، ئىشىكنى سىرتقا ئىچىۋەتكەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى. چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار ۋە سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلار يېقىندا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈپلا قالماستىن، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا زور ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى، دەپ ھېسابلىدى.

ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەت داشۆسى شەرق شۆيۈەنىنىڭ ئالىمى ئالى شاراپوف مۇنداق دېدى: جۇڭگو يولغا قويغان ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش-ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 70-يىللىرىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ زور، ئەڭ دىققەت قىلىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى. جۇڭگو ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، ئىشىكنى ئىچىۋەتكەندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تېز ئۆسۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تېز سۈرئەتتە كۈچەيدى، جۇڭگو پۇقرالىرى ئەمەلىي پايدىغا ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ روشەن ئۆستى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشنى قەتئىي قوللىدى، ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر شارىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى تۈركىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى رافزا كاۋاچ بەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشماقتا، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى روشەن، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى.

مالايشىيا-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مىجىت 1981-يىلى دىپلومات بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ئىسلاھات، ئىچىۋېتىشنى يولغا قويغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. شۇ چاغدا جۇڭگو ئۇنىڭغا ماددىي-ئەشيا ناھايىتى كەمچىل، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەھۋالى ناھايىتى قالاقتەك تەسىر بەرگەنىدى. مىجىت مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن كېيىن قارايدىغان بولساق، ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش ئاجايىپ ھەم ئەمەلىي بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تەسىر قىلغان.

كېنىيە نايروبى داشۆسىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىق لېكتورى ئىكىيارا مۇنداق دېدى: 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى تېز راۋاجلاندۇردى، نامرات، قالاق دۆلەت بىر سەكرەپلا دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى، خەلقئارادىكى تەسىرىمۇ ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو يەر شارى سودا سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ياردەم بەردى، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

تايلاندنىڭ سودا مىنىستىرى سۇڭتىرا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 40 يىلدىكى مۆجىزىلەرچە ئۆزگىرىش جۇڭگونى دۇنيانىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، بۇنى بەك قۇۋۋەتلەيمەن. بىز جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە موھتاج، تايلاند ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئېكۋاتور دۆلەتلىك ئالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مېلتۇن رېيىس مۇنداق دېدى: شۆھبىسىزكى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى بىر قېتىملىق ئىلمىي سوتسىيالىزمىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھېسابلىنىدۇ. رېيىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنياغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە. «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش ۋە كۆپ تەرەپتىن پايدا ئالىدىغان خەلقئارا سودا يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، دۇنيانى جۇڭگو ئىقتىسادىنىپ پىشىپ-يېتىلىشىدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

ياپونىيە سىياسەت تەتقىقات شۆيۈەنى داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە پىروفېسسورى بىنىدىكتىنى مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئىچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، كەلگۈسىدە جۇڭگو دۇنيانىڭ ئىچىۋېتىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى پىرىنسىپ قىلغان «بىر بەلباغ بىر يول» ئەڭ يېڭى مىسال، جۇڭگومۇ ئالاقىدار دۆلەت، رايونلارمۇ بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ.