ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى ھالقىلىق «يۇمىلاق تاۋۇز»، چوڭ سوتچى ئانتونى كېنىدى ئىستېپا بەرمەكچى، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-29 15:07

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سوتچىسى ئانتونى كېنىدى 27-ئىيۇن ئۆزىنىڭ 31-ئىيۇل پېنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ چوڭ سوتچىغا نامزات كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئانتونى كېنىدى مۆتىدىل كونسېرۋاتىپ بولۇپ، قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى ھالقىلىق «تۇراقسىز ئاۋاز». ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۇنى سوغۇق قان، مۇلايىم دەپ تەرىپلەيدۇ؛ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنى ئۇنى «يۇمىلاق تاۋۇز» دەپ ئەيىبلەيدۇ. مەيلى بېرىلگەن باھا ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىقىشى ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى كۈچ نىسبىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئانتونى كېنىدى بىر باياناتتا: مەن ئەدلىيە سىستېمىسىدا 43 يىل ۋەزىپە ئۆتىدىم، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش ئۈچۈن پېنسىيەگە چىقىشنى تاللىدىم، دېدى. 27-ئىيۇن ئۇ ئۆزىنىڭ قارارىنى باشقا چوڭ سوتچىلارغا ئېيتقاندىن كېيىن، ئىستېپانامىنى ئۆزى ئاق سارايغا ئاپىرىپ بەردى.

ئانتونى كېنىدى بۇ يىل 7-ئايدا 82 ياشقا كىرىدۇ. ئۇنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن چىققان ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رىگان نامزاتلىققا كۆرسەتكەن، 1988-يىلىدىن باشلاپ قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سوتچىسى بولغان، ھازىر توققۇز چوڭ سوتچى ئىچىدە، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن.

ئانتونى كېنىدى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ساكرامېنتو شەھىرىدىكى بىر باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى يەرلىكتە سەل داڭقى بار ئادۋوكات، ئانىسى ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سىياسىيسى بىلەن ئۇچراشقان، نۇرغۇن داڭلىق سىياسىيونلار بىلەن تونۇشقان.

ئانتونى كېنىدى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىتانفورد داشۆسىدە سىياسەتشۇناسلىقنى ئوقۇدى. كېيىن لوندون سىياسىي ئىقتىساد شۆيۈەنى ۋە خارۋارد داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىدە بىلىم ئاشۇردى، 1961-يىلى ياخشى نەتىجە بىلەن خارۋارد داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئانتونى كېنىدى كالىفورنىيەگە قايتىپ ئادۋوكات بولدى، 1963-يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئادۇۋكاتخانىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

ئۇ قانۇن بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا شۇ ۋاقىتتىكى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى رىگان بىلەن تونۇشىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن باج قانۇنى ئىسلاھاتى پىكىرىنى تۈزۈپ بېرىپ، رىگاننىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ. رىگان 1975-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ فوردقا ئانتونى كېنىدىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئۇنىڭ قوشما ئىشتات 9-سەييارە سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. رىگان زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سوتچىلىقىغا كۆرسىتىدۇ.

ئانتونى كېنىدى دادىسىغا ئوخشاش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى قوللىسىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن چىققان زۇڭتۇڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈمىد قىلغانغا ئوخشاش قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى قەتئىي كونسېرۋاتىپ بولماي، مۆتىدىل كونسېرۋاتىپ يولىدا ماڭدى، ھەتتا نۇرغۇن ھۆكۈملەردە لىبېراللار تەرتىپىدە تۇردى.

ئۇ ئىلگىرى ھەمجىنىسلار ھوقۇقى، ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى، ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھۆكۈمدە لىبېراللار تەرتىپىدە تۇردى، دىنىي ئەركىنلىك، قورال كونترول قىلىش، سايلام مالىيە قانۇنى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈمدە كونسېرۋاتىپلارنىڭ مەيدانىنى قوللىدى.

چوڭ سوتچىنى كۆرسىتىش ھوقۇقى زۇڭتۇڭنىڭ قولىدا بولغاچقا، پارتىيە-گۇرۇھتىن ھالقىغان چوڭ سوتچىدا يەنىلا پارتىيە-گۇرۇھنىڭ ئىزناسى مەۋجۇت. ئۆتكەن 30 يىلدا ئانتونى كېنىدىنى بۇنىڭ سىرتىدا دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈم چىقارغاندا پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەت تەسىرىگە پىسەنت قىلمايدىغان ئۇسلۇبى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى، لېكىن ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى كونسېرۋاتىپلار تەرىپىدىن «خائىن» دەپ قارالدى.

قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ يېقىندىكى بىر ھۆكۈمى شۇنداقلا ئانتونى كېنىدىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر ھۆكۈمىدە، ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى كونسېرۋاتىپلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، تىرامپنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قانۇنلۇق قىلدى. ئۇ ھۆكۈمنامە يازغاندا سەل ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بوي سۇنۇپ، دىن، سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېدى.

تىرامپ 27-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئانتونى كېنىدىنىڭ ۋارىسىنى ئىزدەش خىزمىتى باشلىنىدۇ، ئاق ساراي ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان 25 كىشىلىك تىزىملىك ئىچىدىن تاللايدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيەلەرنىڭ رەھبىرى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن چىققان مىكى مېككانور: بۇ يىل كۈزدە ئانتونى كېنىدىنىڭ ۋارىسىنى كۆرسىتىشنى ئاۋازغا قويىمىز، دېدى.

بەلگىلىمە بويىچە، قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسى چوڭ سوتچىسىنىڭ نامزاتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە كۆپ ئاۋازغا ئېرىشسىلا بولىدۇ. ھازىر، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىدا 51 ئورۇنغا، دېموكراتلار پارتىيەسى 49 ئورۇنغا ئىگە.

1991-يىلىدىن باشلاپ، قوشما ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىزچىل بەش كونسېرۋاتىپ چوڭ سوتچى، 4 لىبېراللار چوڭ سوتچىسىدىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلمىنى ساقلاپ كەلدى. كونسېرۋاتىپلار سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئانتونى كېنىدىنىڭ مۆتىدىل كونسېرۋاتىپلار مەيدانى مەلۇم دەرىجىدە ئىككى گۇرۇھنى تەڭپۇڭلاشتۇرغان.

ئۇنىڭ ۋارىسى داۋاملىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينامدۇ، ياكى كونسېرۋاتىپلار مەيدانىدا تۇرامدۇ؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئانتونى كېنىدى چوڭ سوتچى بولغان بۇ 30 يىل جەريانىدا، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى؛ باي-نامراتلىق پەرق زورايدى، جەمئىيەت تېخىمۇ پارچىلاندى، سىياسىينىڭ قۇتۇپلىشىشى كۈچەيدى. تېز ئۆزگىرىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت مۆتىدىل، يول قويۇشنى بىلىدىغان مۆتىدىللەرنىڭ مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىنى يوقاتماقتا، ئانتونىنىڭ ئايرىلىشى بۇ دەۋرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.