قاتار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆز-ئارا ئەيىبلەپ ۋە ئەرز قىلىپ يەنە ماجىرا تۇغدۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-29 15:09

قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنىغا 26-ئىيۇن يەنە يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى. قاتار ئۆزىنى جازالىغان ۋە قامال قىلغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئ‍ۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى، قاتارلىقلارنى كەمسىتتى دەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. شۇ كۈنى قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن تۆت دۆلەت بايانات ئېلان قىلىپ، ھاۋا تەۋەلىكى ماجىراسىنى گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدىن ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتار مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلدى، < بارلىق ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش خەلقئارالىق ئەھدىنامىسى> غا خىلاپلىق قىلدى دەپ شىكايەت قىلدى. قاتارنىڭ ۋەكىلى ئەرزنامىدە مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلارغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارايدىغان مۇھىت ياراتقاچقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتىدۇ.

شىكايەتنامىدە مۇنداق دېيىلدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ياشايدىغان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىدى. قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە داۋاملىق ئوقۇيالمىدى، بەزىلەر خىزمىتى ۋە مال-مۈلكىدىن ئايرىلدى، قاتارلىقلارغا ھېسداشلىق قىلغانلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى.

گائاگا خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 27-ئىيۇن بۇ ئەرزگە سوت ئاچتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 28-ئىيۇن سوتقا چىقىپ قاتارنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

قاتار ئاۋۋال خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتىغا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن تۆت دۆلەتنىڭ قاتارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قامال قىلىش ۋە دەخلى تەرۇز قىلىشىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئەيىبلەپ ئەرز سۇنغانىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتىغا قاتارنى بەھرەينگە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنى توستى دەپ ئەرز سۇندى. قاتار بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين ۋە مىسىر 27-ئىيۇن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھاۋا تەۋەلىكى ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سوتىغا ئەرز سۇنىمىز، بىز خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتىنى مەزكۇر ماجىرانى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس دەپ قارايمىز.

خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

تۆت دۆلەت بۇلتۇر 5-ئىيۇن تېررورلۇقنى قوللىدى ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى بۇزدى دېگەن سەۋەب بىلەن قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قاتارغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى ۋە قامال قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. قاتار ھۆكۈمىتى بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىنكار قىلدى.

تۆت دۆلەت بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىدىغان قاتار ئىراندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشى، ئىران بىلەن بولغان بارلىق ھەربىي ھەمكارلىقنى توختىتىشى، يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى تاقىشى كېرەك دېگەندەك 13 تۈرلۈك شەرتنى قويغانىدى. قاتار بۇ تەلەپلەرنى قاندۇرۇشنى رەت قىلدى.

كۇۋەيت بىلەن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق دىپلوماتىك ياراشتۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى بولمىدى. سىرتتىكىلەر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا بۇرۇلۇش ھاسىل بولغانلىقىنى كۆرمىدى.