ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا نېمە ئۈچۈن خېلسىنكى تاللاندى؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-30 18:51

ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئاخىرىدا خېلسىنكىنى تاللاشتا، ئىككى تەرەپ نېمىلەرنى ئويلاشقان؟

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 16-ئىيۇل فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۇچرىشىدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى رۇسىيە-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەم زور خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ دېدى. ئاقساراي ئىككى تەرەپ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ۋە بىر يۈرۈش خەلقئارا بىخەتەرلىك قارالمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ دېدى.

ئۇنداقتا، ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئاخىرىدا خېلسىنكىنى تاللاشتا، ئىككى تەرەپ نېمىلەرنى ئويلاشقان؟ 1-سۆزلىشىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش. خېلسىنكىنى ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلىرى ئۇچرىشىدىغان جاي قىلىپ تاللاشنى فىنلاندىيەنىڭ شەرق-غەرب سۆزلىشىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو 28-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، فىنلاندىيە ئەزەلدىن خەلقئارا سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، ئۆتكەن بىر يىلدا، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ھەم ئامېرىكا-رۇسىيە ئالىي ھەربىي قوماندانلىرى سۆھبىتى فىنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-رۇسىيە باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى-بۇ يۈرۈشلۈك سۆزلىشىشتە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ دېدى.

فىنلاندىيەنىڭ سۆھبەتلىشىدىغان ئىككى تەرەپ ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى. نىنىستو بىلەن پۇتىن ھازىر ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۆرۈشۈش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە بىر-بىرىنى جازالاۋاتقان پەيتتە، نىنىستو بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى سانى كۆپ بولمىغان سۆزلىشىش يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

2-تەڭپۇڭ مەيداننى ساقلاش. فىنلاندىيە شەرق-غەرب لاگېرى ئوتتۇرىسىدا نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلمەكتە. فىنلاندىيە تارىختا بىتەرەپ دۆلەت ئىدى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقان ھەم فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن بۇيان، فىنلاندىيەنىڭ بىتەرەپلىك تارىخىنى ئاياغلاشتى دېيىشكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك شېرىكلىرى.

فىنلاندىيەدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش-كىرمەسلىك ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ توختاپ قالغىنى يوق، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن كېيىن، بۇ مۇنازىرىلەر بىر مەھەل ئەۋجىگە چىقتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش-كىرمەسلىك مەسىلىسىدە، زۇڭتۇڭ نىنىستونىڭ پوزىتسىيەسى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىزچىل قارشى تۇرمىغان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىد كۈتمەي، رايوندىكى شېرىكلىرىمىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىشىمىز كېرەك دەپ تەكىتلىدى شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك دەپ ھېسابلىدى.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نىنىستونىڭ قەتئىي مەيدانى-فىنلاندىيەنىڭ شەرق-غەرب سۆزلىشىش سورۇنى بولۇشتىكى تارىخىي رولىنى قوغدىدى.

3-پەيت ۋە ئورۇن ھەممە تەرەپنى رازى قىلدى. گەرچە فىنلاندىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يەنىلا فىنلاندىيەنى «بىتەرەپ دۆلەت» دەپ قارىشىدىن رازى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار فىنلاندىيەنى ئۇچرىشىش ئورنى قىلىپ تاللىغاندا، ئامېرىكا-رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇۋاللىققا قالمايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.

فىنلاندىيە تارىختا چاررۇسىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى كىنەزلىك بولغان، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشماي كەلگەن. فىنلاندىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسى بار، پۇتىن ئايروپىلان چېگرىدىن ئۆتمەكچى بولسا پەقەت بىر سائەت ئەتراپىدىلا ۋاقىت كېتىدۇ، خۇددى تام قوشنىسىنى كۈتۈۋالغاندەكلا ئىش.

پۇتىن 15-ئىيۇل رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. موسكۋادىن خېلسىنكىغا ئايروپىلان بىلەن ئىككى سائەتمۇ كەتمەيدۇ، پۇتىن 16-ئىيۇل خېلسىنكىغا يېتىپ بارغان تەقدىردىمۇ، ئۇچرىشىشقا يەنىلا كېچىكمەيدۇ.

تىرامپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، فىنلاندىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يەنە كېلىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك شېرىكى، ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ. پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئالدىدا، تىرامپ 11-، 12-ئىيۇل بىريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ئارقىدىن ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

4-يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش تەجرىبىسى مول. فىنلاندىيەنى مۇشۇنداق خەلقئارا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش جەھەتتە مول تەجرىبىلىك دېيىشكە بولىدۇ، فىنلاندىيە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئورنىغا تاللانغان.

1975-يىلى، فىنلاندىيە شەرق-غەرب مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدىكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «خېلسىنكى كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان ھەم ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بارلىققا كەلگەن. 1990-يىلى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى چوڭ بوش بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېف بۇ يەردە كۆرۈشكەن؛ 1997-يىلى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتون بىلەن ئەينى چاغدىكى رۇسىيە زۇڭتۇڭى يېلىتسىمۇ بۇ يەردە ئۇچراشقان.

فىنلاندىيەنىڭ تاراتقۇ ئەربابلىرى ئەسلەپ، 1990-يىلى ئامېرىكا-رۇسىيە رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندا، فىنلاندىيە ئاران بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۆھبەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەييارلىق قىلغان، ئەمما بۇ قېتىم ئىككى ھەپتە تەييارلىق ۋاقتى بار، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، ۋاقىت بەكلا يېتەرلىك دېدى.

تەھلىلچىلەر فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىك ساقلاش خىزمىتى ئىنتايىن قالتىس، مەسىلەن: 6-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-رۇسىيە ئالىي ھەربىي قوماندانلىرى سۆھبىتى ھەققىدىكى خەۋەرنى سىرتتىكىلەر تاكى سۆھبەت باشلانغۇچە پەقەتلا بىلمىگەن، سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىنغان دېدى.