دۇنيانىڭ نەزىرىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولى- ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-30 18:52

جۇڭگو كومپارتىيىسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە 97 يىل ئەگرى توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، 97 يىل باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماستىن، دۇنياغا چوڭ دۆلەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە بوشاشماي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى نامايەن قىلدى.

چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يېزىپ قالدۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولى كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئىلھام ۋە ئەينەك بولدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى تەرەققىياتنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە دەپ قاراپ كەلدى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، دۇنيا نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان دۆلەتكە ئايلاندى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى موتور، تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى دەپ قارالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش يېڭى تەدبىرلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى رولىيېف مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىقتىسادىي ئېشىش ئۇسۇلىنى دەل ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ كېمىنىڭ مۇقىم ھەم يىراققىچە مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. سودا قورۇقچىلىقى، بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئېقىمغا قارشى مېڭىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە يەر شارىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتى، بۇ ئۆز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىغىمۇ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن تەڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى پارتىينى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى قىياپەت ئاتا قىلىپ، ئۆز ئۆزىنى يېڭىلاش جاسارىتى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى.

بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى رونى لېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، تېخىمۇ بەكرەك جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگونى ئۈزلۈكسىز دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ بىر يول»، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىقلار چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگو تەتقىقاتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى. مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش يېڭى قاراش يېڭى لايىھەلەر ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا پايدىلىق دەپ قارىدى.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسى رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى ۋە كۆزلىمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئالېكساندر موكىلېسكى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىجابىي سىگنالى بارغانسېرى كۆپەيدى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، يېڭىچە بىخەتەرلىك قارىشى قاتارلىق رايون ياكى يەر شارىنى تىزگىنلەش يېڭى قارىشى يېڭى لايىھەسى كەينى كەينىدىن بارلىققا كەلدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «يەر شارى ئىستراتېگىيە ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋېليام جونس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، «بىر بەلباغ بىر يول» قاتارلىق خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بارغانسېرى كۆپ قارشى ئېلىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتقا قوشقان تۆھپىسى ھەمدە ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ئاساسلىق ۋە ئاچقۇچلۇق كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

قوشۇن قۇرۇلۇشىدىن مېخانىزم قۇرۇلۇشىغىچە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىدا چىڭ تۇرۇشتىن باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئۆزىنى يېڭىلاشقىچە، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يوللىرى باشقا دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەرگە نىسبەتەن ياخشى ئىلھام بولدى ۋە ئەينەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ۋىيېتنام ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى دۇ جىنسېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى بېكىتتى، بۇ يېڭى ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتقا ماسلىشىش شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر تەلىپى. بۇ تەدبىرنىڭ ۋېتنامغا ئېلىپ كەلگەن ئىلھامى شۇكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، تەرەققىيات نەزەرىيەسى ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلدۇرۇش.

بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا فېدېراتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق باشلىقى، بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فارۇخ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگودا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشى بېسىپ چۈشۈش خاراكتېرىلىك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئەينەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. بۇ خىل باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش خىسلىتىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.