سول قانات نامزات مېكسىكا زۇڭ سايلىمىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-30 19:01

مېكسىكا 1-ئىيۇن ئالتە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ قېتىم سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقى «بىر بىرلىكتە تارىخنى يارىتىمىز»غا ۋەكىل بولۇپ سايلامغا قاتنىشىدىغان سول قانات نامزات ئوفرادۇر 3-قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشتى. ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈستۈنلۈكى بىر قەدەر چوڭ. ئۇ ئىزچىل ئامېرىكىنى تەنقىدلەش مەيدانىدا تۇرغانلىقتىن، بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىنىڭ مېكسىكا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى دىققەتنى قوزغىماقتا.

سول قانات ئالدىدا تۇرماقتا

مېكسىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش بىر نۆۋەتلا بولىدۇ، كۆپ ساندىكى ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات ئۇتۇپ چىقىدۇ. كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى 1-ئىيۇن كەچتە ئاشكارىلىنىدۇ.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئوفرادورنى قوللاش نىسبىتى %40ئاشقان. دۆلەت ھەرىكەت پارتىيەسى تۇرۇشلۇق سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقى كۆرسەتكەن نامزات ئانايا 2-ئورۇندا تۇرغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئىنقىلابى تۈزۈم پارتىيەسى تۇرۇشلۇق ئىتتىپاققا ۋەكىل بولۇپ سايلامغا قاتنىشىدىغان مىياد 3-ئورۇندا تۇرغان، بۇ ئىككىيلەننى قوللاش نىسبىتى %20 ئەتراپىدا بولغان.

يىل بېشىدىن بۇيان، ئوفرادورنى قوللاش نىسبىتىدە ئالدىدا تۇرۇش ئۈستۈنلۈكى مۇقىم كېڭەيمەكتە. بىر قىسىم ئامما مۇنداق دېدى: ئوفرادورنى قوللىشىمىزدىكى سەۋەب يېقىنقى نەچچە نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدسىزلەندۇق، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئەنئەنىۋى سىياسىي كۈچلەرگە دادىللىق بىلەن قارشى تۇرالىدى.

ئوفرادورنىڭ سايلام رىقابەتچىلىرى: ئۇنىڭ سايلام تەشەببۇسىدا قويۇق نارودنىكلىق گەۋدىلەنگەن دەپ ھېسابلىدى. ئۇنى ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنى سېتىۋالدى ھەمدە ئىقتىساد بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈپتىن تەسىر كۆرسىتىش ئويى يوق، دەپ ئەيىبلىدى.

39 ياشلىق ئانايا ئەركىن ئوڭ قانات كۈچكە ۋەكىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سول قانات ئىسلاھات كۈچلىرى بىلەن بىرلەشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلگىلىك قوللاش نىسبىتىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق يەرلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسى كەمچىل، سايلام رىقابىتى ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق قاتارلىق ئامىللار ئۇنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى يېتەرسىزلىكى بولۇپ قالدى.

ئىنقىلابى تۈزۈم پارتىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېرىكلىك مەسىلىسىنىڭ تەسىرىگە ھارغۇچە ئۇچرىدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ناچار تەسىرىنى ئۆزگەرتىش، سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بۇ پارتىيە پارتىيەسىز سابىق مالىيە مىنىستىرى مىيادنى زۇڭتۇڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ «تەجرىبىسى مول مەمۇر» ۋە پاك ئوبرازىنى كۈچىنىڭ بارىچە تىكلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خەلق ئاممىسى روشەنكى ئىنقىلابى تۈزۈم پارتىيەسىنىڭ تەدبىرىنى بەك ئېتىراپ قىلىپ كەتمىدى، مىيادنىڭ غەلىبە قىلىش ئۈمىدى چوڭ ئەمەس.

ھەر قايسى تەرەپنىڭ تەشەببۇسى ئۆزگىچە

ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، ئوفرادور چېرىكلىك مەسىلىسىگە مەركەزلىك زەربە بېرىش، جەمئىيەتتىكى ئادىلسىزلىق ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىش، يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش، مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ يەنە مېكسىكا مەملىكەت ئىچى بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئانايا: مېكسىكا ياسىمىچىلىق دۆلىتىدىن بىلىم تېپىدىكى دۆلەتكە بۇرۇلۇش ياساش، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش ۋە قوللاشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ مەمۇرلار سانى ۋە نامۇۋاپىق كۈندىلىك چىقىمنى ئازايتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مائاش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

مىيادنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى تەشەببۇسى- ھازىرقى زۇڭتۇڭنىڭ تەدبىرلىرى جۈملىدىن تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «توردىن تەڭبەھرلىنىش» قاتارلىق تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش. بۇنىڭدىن باشقا مىياد يەنە ئەر-ئاياللارنىڭ كىرىم پەرقىنى ئازايتىش، ياشلارنىڭ ئوقۇشىنى قوللاش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلدى.

مېكسىكا ئاستنقى كالىفورنىيە ئاپتونوم داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بىراسىكىس مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر ئوفرادور غەلىبە قىلسا، دىپلوماتىيە سىياسىتىدە بەلكىم تېخىمۇ كۆپ مىللەتچىلىك سۆزلىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق چوڭ يۆنىلىش ئۆزگەرمەيدۇ. ئەگەر مىياد غەلىبە قىلسا ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى كەڭ كۆلەمدە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئانايا غەلىبە قىلسا، دىپلوماتىيە سۆز قىلىش ھوقۇقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ ياكى ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن بەلگىلىك ئوخشىمايدۇ، ئەمما ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ.