ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە شاللاندى...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-30 19:08

ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە شاللاندى، پامپاس بۈركۈتى سىناققا ئارانلا بەرداشلىق بېرەلىدى، يېگانە قەھرىمانلار ئامالسىز قالدى، قىسمەن ئاجىز كوماندىلار ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسى كارامىتى كۆرسەتتى، بەزى كوماندىلار ئەڭ ئاخىرى مىنۇتلاردا مۇقىم ئورۇنلۇق توپ ئارقىلىق غەلىبە قىلدى.... رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇتتۇرۇش، غەلىتە يېڭىۋېلىش، قايناق ھېسسىيات، تۆھپە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تارىخنىڭ مىنۇتلىرىغا ئويۇلدى، پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەر قانداق بىر توپ مەستانىسى بۇلارنى ھەرگىز ئۇنتالمايدۇ.

چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ دەپ قارالغان نۇرغۇن كوماندىلار شاللاندى.

رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا، نۇرغۇن كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ ئىپادىسى ئويلىغاندەك بولمىدى. مەيلى ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى گېرمانىيە كوماندىسى بولسۇن، ياكى ماھىرلىرىنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى فىرانسىيە كوماندىسى بولسۇن، ياكى مىسسى باشچىلىقىدىكى پامپاس بۈركۈتى بولسۇن، ۋە ياكى نېيمار يادرولۇقىدىكى سامبا قوشۇنى بولسۇن، بۇ بىر قانچە كۈچلۈك كوماندىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى، بىر قىسمى شاللاندى، بىر قىسمى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىگە ئارانلا بەرداشلىق بېرەلىدى.

ئىنتايىن مۇقىم دەپ قارالغان گېرمانىيە كوماندىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. ئۆتكەن 12 يىلدا دۇنيا لوڭقىسى ياكى ياۋروپا لەۋھەسىنىڭ تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مېكسىكىغا نۆلدە بىر يېڭىلىپ قالدى، پاس بېرىش ئارقىلىق توپ كونترول قىلىشنى تەكىتلەپ، ئالدىغا بېسىشنى ئانچە بىرىكتۈرەلمىگەن گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى، مۇداپىئە كۆرۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇشتەك ئاجىزلىقى قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە قەتئىي بەرداشلىق بېرەلمىدى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە شىۋېتسىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى، كىروسنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سېكۇنتلاردا كىرگۈزگەن توپى نۇرغۇن ئادەمگە ئۈمىد ئاتا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ توپ گېرمانىيە تانكىسىنىڭ كەينىگە چېكىنىش قەدىمىنى توختىتالمىدى.

ئۈچىنچى مەيداندا شاللىنىپ بولغان كورېيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشقاندا، گېرمانىيە كوماندىسى مەيداندا قانچىلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما توپ كىرگۈزەلمىدى، ئەكسىچە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ، «ئالدىنقى نۆۋەتنىڭ چېمپىيونى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە شاللىنىدۇ» دېگەن ئەپسۇننىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن كىرىستىيانو رونالدوغا سېلىشتۇرغاندا، مېسسىنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى تۇنجى مەيداندا دۇنيا لوڭقىسىغا يېڭى قاتناشقان ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن 1:1 تەڭلىشىپ قالدى، توپ شاھى مېسسى نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەي نۇرغۇن تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە كىرودىيە كوماندىسىغا نۆلدە ئۈچ يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن، مېسسى زىيارەت رايونىدىن سۆز قىلماي ئۆتۈپ كەتتى، تاراتقۇلار كوماندا ئەزالىرى بىلەن تېرىنېرنىڭ ئەپ ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىۋەتتى، بۇ ۋاقىتتا ئارگېنتىنا كوماندىسى قىل ئۈستىدە قالدى.

لېكىن گېرمانىيە كوماندىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ تەلىيىگە ئۇلاردا توپ شاھى مېسسى بار. مېسسى ۋە روجو كىرگۈزگەن توپ ئارقىلىق، ئارگېنتىنا كوماندىسى نىگېرىيە كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يەڭدى. تېخىمۇ تەلەيلىك يېرى شۇكى، كىرودىيە كوماندىسى ئىسلاندىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىغا يول ئېچىپ بەردى.

گېرمانىيە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ھال-ئەھۋالى پەقەتلا بىر كارتىنا، كۈچلۈك كوماندا پولشا بالدۇرلا شاللاندى، فىرانسىيە، بىرازىلىيە كوماندىلىرى ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەربىر غەلبىنىمۇ ناھايىتى تەستە قولغا كەلتۈردى، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، بېلگىيە، ئىنگلاند كوماندىلىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ رەقىبلىرى ئانچە كۈچلۈك ئەمەستى.

شاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان كۈچلۈك كوماندىلار ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا تېخىمۇ كۆپ ھەيران قالارلىق ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسى كارامىتىنى كۆرسەتتى، ئورنى بەلگىلەنگەن توپ نومۇر ئېلىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ زور ئۆزگىرىش ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسىنى ئىشلىتىش بولدى، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ياردىمىدە، مۇسابىقىدىكى ھەر بىر دەقىقە تولۇق خاتىرىلىنىپ، رېپىرنىڭ تېخىمۇ دەل نۇقتىدا تۇرۇپ، مۇسابىقىگە باھا بېرىپ، تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ دەل ھۆكۈم چىقىرىشىغا ئاسانلىق ياراتتى، مۇسابىقە تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئوچۇق بولدى.

ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغىنى B گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدىكى ئىككى نۇقتا توپقا بېرىلگەن ھۆكۈم بولدى. مۇسابىقىگە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا، ئىسپانىيە كوماندىسى بولۇڭ توپ تەپتى، ئازپاز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىر توپ كىرگۈزدى، نەق ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسىنىڭ ياردىمىدە بۇ توپ كۈچكە ئىگە بولدى، بىر توپ كەينىدە قالغان ئىسپانىيە كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى. پورتۇگالىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇسابىقىسىدە، باش رېپىر ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسىنىڭ ياردىمىدە ئىرانغا نۇقتا توپ پۇرسىتى بەردى، بۇ سەۋەبلىك پورتۇگالىيە غەلىبىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى، ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ ئارقىسىدا قېلىپ، گۇرۇپپىلار بويىچە ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.

بۇ خىل دەل ھۆكۈم نۇرغۇن ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە نۇرغۇن قېتىم كۆرۈلدى. كورېيە كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن گېرمانىيە كوماندىسىنى يەڭگەندە، كىم يىڭچۇەن كىرگۈزگەن توپنى رېپىر باشتا ئورۇندىن ھالقىپ كەتتى دەپ قاراپ، ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقاردى، كېيىن ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلدى، ئۇدا ھۇجۇم قوزغاپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن گېرمانىيەلىكلەرنىڭ روھى ھالىتى بىراقلا تۈگەشتى، ئارقىدىن كورېيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئارمانلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى.

ۋىدىيو رېپىر ياردەمچىسى كاپالەت ھېسابلىنىدۇ، رېپىر ماھىرلارنىڭ توپ تالىشىشىغا تېخىمۇ بوش مۇئامىلە قىلىدۇ، لېكىن ھۆكۈم قىلالماسلىق، خاتا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ساقلىنىدۇ. گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە كىرگەن 38 توپنىڭ 24ى نۇقتا توپ، ئەركىن توپ، بۇلۇڭ توپ قاتارلىق ئورنى بەلگىلەنگەن توپ ئارقىلىق كىرگەن. مېسسى بىلەن رونالدو تەپكەن نۇقتا توپ كىرمەي قالدى، بولمىسا ئورنى بەلگىلەنگەن توپ ئارقىلىق كىرگەن توپ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولاتتى.

ئورنى بەلگىلەنگەن توپلار ئارقىلىق كىرگەن توپلار ئىچىدە، كىروسنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سېكۇنتلاردا كىرگۈزگەن توپى بىلەن تەڭلىشەلەيدىغىنى رونالدونىڭ ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتلاردا كىرگۈزگەن قالتىس توپى ھېسابلىنىدۇ. بەزى تاراتقۇلار مۇنداق دېيىشتى: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ توپىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن يېڭى تېخنىكا ماھىرلارنىڭ يىراقتىن توپ تېپىشى، ۋاراتاغا توپ تېپىشىگە پايدىلىق، بۇمۇ ئەركىن توپنىڭ جىق كىرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

يېگانە قەھرىمانلار ئامالسىز قالدى، ئاجىز كوماندىلار ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ياۋروپا كۇلۇبلار لوڭقىسىدا، «پىرئەۋن» سالاخ يارىلىنىپ، دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان مىسىر كوماندىسىنى تەشۋىشكە سالدى. ئۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە چىقالمىدى، ئىككىنچى مەيداندا ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، ئەڭ ئاخىرىقى يېڭىش-يېڭىلىش مۇھىم بولمىغان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئازراق خۇشاللىق قالدۇردى.

ئاسىيا نوچىسى دەپ ئاتالغان كورېيەلىك ھۇجۇمچى سۇنخىنمىن كۇلۇبتىكىدەك قوللاشقا ئېرىشەلمەي قالدى، لېكىن مېكسىكا كوماندىسى ۋە گېرمانىيە كوماندىلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سەھنىسىدە، بىر كوماندىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى بېكىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل يەنىلا ئومۇمىي ئىقتىدار. ئىلاھتەك رونالدومۇ، قەدىناس دوستى كۇارېسما توپ كىرگۈزمىگەن بولسا، بالدۇرلا شاللىنىپ قايتىپ كېتەتتى.

كۈچلۈك ماھىرى بولمىغان ئاجىز كوماندىلار ماھىرلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا، كۈچلۈك كوماندىلاردىن قورقماس پىسخىكىسىغا تايىنىپ، ئۆزىگە شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىغا تەۋە ئېسىل مۇسابىقە ئوينىدى. تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ئىسلاندىيە كوماندىسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى شاللىۋېتىشكە ئازلا قالدى، پامانا كوماندىسى ئىنگلاند كوماندىسىغا چوڭ نومۇر بىلەن يېڭىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى.

ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونىدىن شاللاش مۇسابىقىسىگە كىرگەن بىردىن-بىر كوماندا ياپونىيە كوماندىسى كوللېكتىپ روھىنى خېلى جارى قىلدۇردى. مۇداپىئە قىلىپلا ھۇجۇم قىلمايدىغان، تولا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمىدى، قاتتىق تاكتىكا ئىنتىزامى، توختىماي يۈگۈرۈپ ئورۇن تولۇقلاش ئارقىلىق، رەقىبلىرى بىلەن تەڭ ھۇجۇم قىلىشىپ غەلىبىگە ئېرىشتى. ئەلۋەتتە، ئەڭ ئاخىرىقى مەيدان مۇسابىقىدە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن سەل بوشاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ياپونىيە كوماندىسىنى ئاسىيا، ئافرىقا رايونىنىڭ يۇلتۇزى دېيىشكە بولىدۇ.

توپ مەستانىلىرىنىڭ ئويلىغىنى ۋە ئويلىمىغىنى ئىچىدە، چولپانلارنىڭ ئۆزىنى يوقاتقان، گۇناھىنى يۇغان، ياخشى ئىپادە كۆرسەتكەنلىرى ئىچىدە، كوماندىنىڭ شاللانغان، شاللاش مۇسابىقىسىگە ئاران كىرگەن ۋاقتى ئىچىدە رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بىرىنچى كۆرۈنۈشى ئاياغلاشتى، ئېسىل ياكى مەنىسىز، قايناق ھېسسىيات ۋە يېگانە قىلىش بولسۇن، كېيىنكى شاللاش مۇسابىقىسىدە بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر يەنە داۋاملىشىدۇ.