باشتىن ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ ئۇلار بىلەن بىرگە بولايلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-01 10:58

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

1-ئىيۇل نەشىر قىلىنغان خەلق گېزىتىدە باشتىن ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ ئۇلار بىلەن بىرگە بولايلى، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيلى ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

باش ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۈگۈنكى جۇڭگو تارىخنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى زاماندىن ھالقىغان كۈچلۈك بىرلەشمە كۈچنى شەكىللەندۈرمەكتە. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار باش شۇجىنىڭ باشتىن ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، تارىخى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ قاتتىق زىممىسىگە ئېلىپ، بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شەرەپلىك سەھىپىسىنى يېزىشى لازىم.