«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-03 17:36

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئادەمدە. تۆت مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە دۇنيادىكى 1-چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق خىزمەتلەر ھەققىدە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ ھەم تەلەپ قويۇپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە سۈپىتىدىكى تۈپ تەلىپى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئېتىقادنى پۇختىلاش، تۆت ئاڭنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، يامانلارنى جازالاش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا دوكلاتىدا، سىياسىي قۇرۇلۇش تۇنجى قېتىم پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە مۇھىم ئورنىغا قويۇلۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش نەزەرىيەسىدىكى مۇھىم يېڭىلىققا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزگە بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش-پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ باش ۋەزىپىسى. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

ئىدىيە قۇرۇلۇشى-پارتىيەنىڭ نېگىزلىك قۇرۇلۇشى، بۇنىڭ ئىچىدىكى باش ۋەزىپە-غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ۋە ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش مەخسۇس تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش تەلىم-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچى تەربىيەسى ھالقىلىق ئاز سانلىقلاردىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغىچە، مەركەزلىك تەربىيەدىن دائىملىق تەربىيەگىچە كېڭەيتىلىپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ غايە-ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىتىلىپ، پارتىيەۋىلىكى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 6-ئايدىكى مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا، ئېتىقادى چىڭ بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تېرىشىپ ئىشلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ياخشى كادىرنىڭ بەش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: كادىرلارغا ئەتراپلىق، تارىخ، دىيالېكتىكا بويىچە قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل ئىپادىسى ۋە بارلىق خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ تەكشۈرۈش، باھالاش ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىنى ياخشىلاپ، ھەم تەرەققىياتى ھەم ئاساسىغا، ھەم ئاشكارا نەتىجىسى ھەم يوشۇرۇن نەتىجىسىگە قاراپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى قاتارلىق كۆرسەتكۈچ ۋە نەتىجىلەرنى مۇھىم تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىش كېرەك، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش نىسبىتىنى ئاددىيلا ئاساس قىلىۋېلىش ئارقىلىق قەھرىمانلىق ھەققىدە گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، تەشكىلات تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك تەۋسىيە قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، رىقابەت خاراكتېرىدىكى تاللاپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەقەتلا ئېرىشكەن ئاۋاز، نومۇر، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، يېشىغا قاراپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، ساداقەتمەن، ساپ، دادىل، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي، پاك ئىشلەيدىغان، خېلى يۇقىرى كەسپىي ساپاغا ئىگە زور بىر تۈركۈم كادىرلارنى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا چىقاردى. كادىرلارنى مەسئۇلىيەت نورمىسىدىن ئارتۇق سەپلەش، سالتاڭ ئەمەلدار، كادىرلىق ئارخىپىنى يالغاندىن ياساش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرى كادىرلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا قۇرۇش قىلمىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ قەپىسىنى بارغانسېرى چىڭىتتى.

قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىققا يول قويۇش، خاتالىق تۈزىتىش مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتتى. كادىرلارنى ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا ئېتىبار بېرىپ، خۇشامەتچىلىك قىلىدىغان، ساختىلىق قىلىدىغان، ھەقىقىي ئىش قىلمايدىغان، ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، باشقىلاردىن نەپ تەلەپ قىلىدىغان كادىرلارنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى جازالاش كېرەك. تەشكىلات كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلات كادىرلار ئىشلىرى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بوش قويۇۋەتمەي، مۇناسىۋەت ئىزدەيدىغان، ئارقا ئىشىك ماڭىدىغان، ئەمەل ئېلىپ-ساتىدىغانلارغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك، بىرى بايقالسا، بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇل پۇختا بولمىسا، يەر مىدىراپ، تاغ تەۋرىنىدۇ» دېگەن سۆزنى دائىم تىلغا ئالاتتى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلاملاردا ئۇل پۇختىلاش جەھەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلاملاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھاياتى كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتى كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يول كۆرسىتىپ بەردى. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئىختىساسلىقلارنى سۆيىدىغان سەمىمىيەت، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتەلەيدىغان جاسارەت، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرالايدىغان قورساق، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلالايدىغان ياخشى ئۇسۇل بىلەن، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۆرۈشىگە توپلاش كېرەك.