يېڭى دەۋردە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-04 10:43

ئىككى يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى جاسارەت بىلەن كۈچەيتىپ، سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ساھەلىرى ھەم مۇھىم ھالقىلىرىدا تېزدىن يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا قانداق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى؟

بۇ يىل 6-ئايدا، باش شۇجى شەندۇڭنىڭ يەنتەي شەھىرىدىكى ۋەنخۇا يەنتەي سانائەت باغچىسىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتنى چوقۇم ياخشى قىلىشى، كونىلىققا ئېسىلىۋالماسلىقى كېرەك، دۆلەت كارخانىلىرىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتىدۇ؟ ياخشى باشقۇرۇشتا چوقۇم ئىسلاھ قىلىش، كونىلىققا ئېسىلىۋالماسلىق لازىم، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، زامانىۋى كارخانىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بىر غەيرەت بىلەن بىراقلا پۈتتۈرۈپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

ئەمەلىي كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى ھەم مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتى. ئىلگىرى يۈز مىليارد يۈەن قەرزگە بوغۇلغان خۇنەن خۇالىڭ پولات-تۆمۈر شىركىتى بۇلتۇردىن تارتىپ غەم-ئەندىشىنى تاشلاپ، ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەگە تايىنىپ ياخشى بازارلارنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلىدى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قوشۇمچە باش ئىنژېنېرى يەن لىشىن بىز دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە قارىتىپ، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك يولدا مېڭىپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تېرىشىش ئارقىلىق، ئۆز سورتىمىزدىكى پولات نىسبىتىنى %75 تىن كۆپرەككە يەتكۈزىمىز دېدى.

ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى-دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا، تيەنجىن شەھىرى دۆلەت كارخانا گۇرۇھى قاتلىمىدىكى تۇنجى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى تاماملىدى، تيەنجىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇھى پاي كونترول چەكلىك شىركىتى بىلەن بېيجىڭ جىنيۈ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتى، بېيجىڭ جىنيۈ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ دېيى بىز مەبلەغ، باشقۇرۇش، ئىدىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تيەنجىننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىنى تېخىمۇ زورايتىمىز دېدى.

سىرتقا چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش-دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلاندى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ شۈگۇڭ گۇرۇھىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، شۈگۇڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ مىن تونۇشتۇرۇپ، ھازىر گۇرۇھىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىز ئەينى يىلى لايىھەلىگەن يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت، يۇقىرى پەن-تېخنىكا سالمىقى، چوڭ نىشان بېكىتىش يولىغا قاراپ ماڭدى دېدى.

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ياچىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا، 2017-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 50 تىرىليون يۈەنگە، پايدىسى ئىككى تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %14.7 ۋە %23.5 ئاشتى دېدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك دۆلەت مۈلۈكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىغا ھوقۇق بېرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىلىكىدىكى ئىقتىسادنى سەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۈلۈكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۈلۈكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش؛ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.