شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار ئىدىيەسىنىڭ» جېجياڭدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-04 18:26

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈنئەن ناھىيەسى شياجياڭ كەنتى نوپۇسى 800 گىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك كەنت. بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 85 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150 كۆپەيدى، 2017 -يىلى پۈتۈن كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىلىكىدىكى كىرىمى 27 مىڭ 45 يۈەنگە يەتتى.

بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى، شياجياڭ كەنتى يىراق يېقىنغا داڭقى كەتكەن نامرات، قالاق، بۇلغانغان كەنت ئىدى.

2003-يىلى 24-ئاپرېل، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ ماشىنا بىلەن چۈنئەن ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ 60 نەچچە كىلومېتىر ئەگرى توقاي يولنى بېسىپ، يەنە يېرىم سائەت كېچىك كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئۇندىن كېيىن يەنە 100 نەچچە تاغ ئايلانما يولىنى بېسىپ شياجياڭ كەنتىگە بارغان ئىدى.

شياجياڭ كەنتىنىڭ پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى جياڭ يىنشياڭ ئەينى چاغنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا شۇجى بىزگە يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سۆزلىگەن ئىدى، چۈنكى كەنتىمىز چيەنداۋ كۆلىگە يېقىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ چاغدا «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن.

«سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن سۆزنى 2003-يىلى شياجياڭ كەنتىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىخلانغان دېسەك، ئۇنداقتا 2005-يىلىدىكى ئەنجى ناھىيەسى تيەنخۇاڭپىڭ بازىرى يۈسۈن كەنتىنى «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن سۆز ھەممە ئېتىراپ قىلغان جاي دېيىشكە بولىدۇ.

2005-يىلى 15-ئاۋغۇست، يۈسۈن كەنتىدىكى تار ھەم دىمىق كەنت ئاھالە كومىتېتى يىغىن زالىدا، كادىرلارنىڭ كانلارنى، سېمونت زاۋۇتلىرىنى تاقاپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاتتۇق، كەنت دەرىجىلىك ئىقتىساد ۋە ئاممىنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتتى دېگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن بايام سىلەر بەزى كانلارنى قەتئىي ئىرادە باغلاپ تاقاپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاتتۇق دېدىڭلار بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانە تەدبىر. «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق»، بىز ئىلگىرى ھەم سۈزۈك سۇ يېشىل تاغ كېرەك ھەم بايلىق كېرەك دەيتتۇق، «ئەمەلىيەتتە سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ سۆزنى قىلدى.

يۈسۈن كەنتى پۈتۈن ناھىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھاك تاش قېزىش رايونىنى تاقاپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاتتى، ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جاينىڭ ئەسلى تەبىئىي مەنزىرىسى ئەسلىگە كېلىپ، سۈزۈك سۇ يېشىل تاغقا تايىنىپ نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، «رۇدىغا تايىنىشتىن» «مەنزىرىگە تايىنىشقىچە» بولغان چىرايلىق ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2002-يىلى 12-ئۆكتەبىر، يولداش شى جىنپىڭ جېجياڭغا يۆتكەلدى، ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە 11 ۋىلايەت شەھەرگە باردى، بارلىق قارالمىلاردا ئۇ يەنىلا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى.

2003-يىلى 13-يانۋار، يولداش شى جىنپىڭ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا ئىقتىسادنىڭ قانداق سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىدىن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى سالمىقىنىڭ قانچىلىك تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ دېدى.

2005-يىلى 21-ماي، يولداش شى جىنپىڭ «دېھقانلار گېزىتى»نىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى«يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ھەققىدە ئېيتقانلىرى دېگەن مەخسۇس زىيارىتىدە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ: خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جەزمەن «يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا جەزمەن «يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ئۈستىدە ئىزدىنىش، شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا جەزمەن«يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار»نى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە جەزمەن«يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش،«يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى جەزمەن ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

شىزى كۆلىدىن جۇڭنەنخەيگىچە، شى جىنپىڭنىڭ«يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ئىدىيەسى كۈنسېرى بېيىپ موللاشتى.

2013-يىلى فېۋرالدا، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچلەندۈرۈش، جۇڭگونى گۈزەل قىلىش ئۈچۈن يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، جۇڭگونى بېيىتىش ئۈچۈن، دېھقانلارنى بېيىتىش شەرت دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

2015-يىلى ئىيۇلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ھەر قانداق ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، دېھقانلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، يېزىلارنى ئەستىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

2016-يىلى ئاپرېلدا شياۋگاڭ كەنتىدە ئېچىلغان يېزا ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

2017-يىلى 18-ئۆكتەبىر پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن ئىبارەت ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان تارىخىي پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەتنىڭ پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىنى باشتىن ئاخىرى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

بۇ، شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن شۇنداقلا ئەڭ سىستېمىلىق يىغىنچاقلانغان تەلىپى.