شى جىنپىڭ تايلاندنىڭ پۇكېت ئارىلىدىكى كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىگە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-07 14:26

جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئىككى ساياھەت كېمىسى 5-ئىيۇل سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە تايلاندنىڭ پۇكېت ئارىلىغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قارا يامغۇرغا يولۇقۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ھازىرغا قەدەر كېمىدىكى 127 جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ 16 سى قازا قىلدى، 33 كىشىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى، باشقا 78 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، يارىدار بولغانلار شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئېلىمىزنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى پائال قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى تەلەپ قىلىشى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك دەپ مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دەل يازلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، سىرتقا ساياھەتكە چىقىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، بەز جايلاردا تاشقىن ئەھۋالى گەۋدىلىك بولماقتا، رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار خېيىم خەتەر ئەسكەرتىشىنى ۋاقتىدا بېرىپ، ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ خېيىم خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى سەمىگە سېلىپ تۇرۇشى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ، يوقاپ كەتكەن ساياھەتچىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. سىرتقا ساياھەتكە چىققانلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى، چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى قوغداش مېخانىزمى ئارقىلىق، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپى بويىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئېلىمىزنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تايلاند تەرەپ بىلەن پائال ماسلىشىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا. تايلاند قۇتقۇزۇش كۈچىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزماقتا. نۆۋەتتە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تايلاندنىڭ پۇكېت ئارىلىغا نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تايلاند دېڭىز ئارمىيەسى، دېڭىز ساقچىلىرى ۋە ساياھەت ساقچىلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىر قانچە قۇتقۇزۇش كېمىسى ۋە تىك ئۇچارىنى ئەۋەتىپ دېڭىز ئۈستىدە بىرلىشىپ قۇتقۇزدى. تايلاند دېڭىز ئارمىيەسى يەنە ئاۋاز تېخنىكىسىنى قوللاندى ھەمدە غەۋۋاس ئەۋەتتى.

تايلاندنىڭ «مىللەت گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند ھاۋا رايى ۋازارىتى 4-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە ھاۋا-رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىپ، پۇكېت ئارىلى دېڭىز ساھىلىدىن كېمىلەرنىڭ پورتتىن چىقىشىنى چەكلىگەن. تايلاند «دۇنيا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇمۇرغ ناملىق كېمىنىڭ مەسئۇلى شىركىتىمىز بارلىق ساياھەتچىنىڭ داۋالاش ھەققىغە مەسئۇل بولىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتىگە يارىدارلار ۋە قازا قىلغانلارغا تۆلەپ بېرىش ئىلتىماسىنى سۇندۇق، دېگەن.