«ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى تىپىك سودا زومىگەرلىكى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-07 14:32

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ سوممىسى 34مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن %25 لىك تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى تىپىك سودا زومىگەرلىكى دەپ كۆرسەتتى؛ تاموژنا باش مەھكىمىسى قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى جاكارلىدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئوچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ بىلدۈردى.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 6-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ سوممىسى 34مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن %25 لىك تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھازىرغىچە بولغان ئىقتىساد تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور سودا ئۇرۇشىنى قوزغىدى. بۇنداق باج ئېلىش قىلمىشى تىپىك سودا زومىگەرلىكى بولۇپ، ھېلىھەم يەرشارى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، يەرشارى بازىرىدا داۋالغۇش قوزغاۋاتىدۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇناھسىز دۆلەت ئاتلىغان شىركەتلەر،ئادەتتىكى كارخانا ۋە ئاددىي ئىستېمالچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بۇ يەنە ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق. جۇڭگو تۇنجى پاي ئ‍وقنى ئاتماسلىققا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ بىراق دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچۈن زۆرۈر قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.

تاموژنا باش مەھكىمىسى تاموژنا بېجى ئېلىشقا ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شۇ يەر ۋاقتى 6-ئىيۇل سائەت نۆلدىن بىر مىنۇت يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن بىر مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈم تىزىملىكتىكى 818 تۈر، 34 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىدىن %25 ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىدى. قايتۇرما زەربە سۈپىتىدە جۇڭگومۇ شۇ كۈنى ئوخشاش كۆلەمدىكى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن %25 لىك ئىمپورت تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشقا باشلىدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 6-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان قوللىنىۋاتقان بىر قاتار بىر تەرەپلىمىلىك ۋە سودا سېلىنما قورۇقچىلىقى تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى قوللاندى. ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە بېسىم ئىشلىتىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىك. ھەر قانداق ئادەم بۇنداق خام خىيالنى قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭگو ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئ‍ۇچرىغاندا، زۆرۈر قايتۇرما زەربىگە ئۆتىشى ئورۇنلۇق ئىش. بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنى قوغداش ئىشەنچىمىز بار.

مۇخبىرنىڭ 6-ئىيۇل كەچتە سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئىيۇل جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان 301 تەكشۈرۈش تۈرى ئاستىدىكى رەسمىي يولغا قويغان باج ئېلىش تەدبىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.