بۇ يىل كىرگەندىن بېرى نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىقتىسادى ھەرىكەتتىن ئىجابىي سىگنال بېرىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 10:54

بۇ يىل كىرگەندىن بېرى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈلدى، باجنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەتلەر كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادى ھەرىكەتتە مۇقىم ئېشىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى كېڭەيتىش، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇش، خەلقئارا كىرىم چىقىم ياخشىلىنىشتەك ياخشى قېلىپ بارلىققا كەلدى، كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، گاز، تىرانسپورت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتى بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئېلىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە داۋاملىق ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، گاز، تىرانسپورت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتى بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر ، ئېلېكتىر، نېفىت، گاز، تىرانسپورت ئامىلىنىڭ كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم تەرتىپلىك ئاشقان، تەمىنات سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى ھاياتى كۈچى ۋە مۇقىملىقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى ۋە ئاساسىنىڭ داۋاملىق پۇختىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئېلىمىزدە كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن 0.2پوئىنت يۇقىرى بولدى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىش كۆرسەتكۈچى %8.1 ئېشىپ، داۋاملىق بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى، كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، گاز، تىرانسپورت قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتى يۇقىرىقى نۇقتىلارغا كۈچلۈك ئىسپات بولدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆمۈر ئېلىمىزدىكى ئەڭ مول، ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئەرزان ئاساسى ئېنېرگىيە، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمال قۇرۇلمىسى ئېلىمىزدە ئېنېرگىيەنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ رىيال دۆلەت ئەھۋالىدىكى مۇقەررەر تاللاش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمالىنىڭ مۇقىم ئىششى، بەلگىلىك دەرىجىدە ماكرولۇق ئىگىلىكنىڭ مۇقىم، تەكشى ئايلىنىشىنىڭ ئوبيېكتىپ ئىپادىسى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۇ يىل كىرگەندىن بېرى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر داۋاملىق ئۈنۈم بەردى، باجنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەتلەر كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادى ھەرىكەتتە مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى كېڭەيتىش، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇش، خەلقئارا كىرىم چىقىم ياخشىلىنىشتەك ياخشى قېلىپ بارلىققا كەلدى.