لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 12:42

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشۈپ، كېڭىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشى كەڭ ساھەلەردە مول مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭى ھەمكارلىق يولىنى ئاچتى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە جۇڭگو بازار مۇھىتىنى داۋاملىق سەرخىللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. گېرمانىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىسلاھاتى داۋاملىق يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقان دەۋردە ھەر قايسى تەرەپلەر تېخنىكا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن روھى ھالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئىپادىسى ئارقىلىق، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم.

لى كېچياڭ ئەمدىلا ئۆتكۈزۈلگەن 7-قېتىملىق جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا سورالغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: 16 قوشۇلغان بىر ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلغان ھەمكارلىق سەھنىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ۋە پايدىلىق تولۇقلىمىسى. جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ساقلاۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرمەكتە. 16 قوشۇلغان بىر ھەمكارلىقى ھەم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنى قاپلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 16 قوشۇلغان بىر ھەمكارلىقى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىچە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 16 قوشۇلغان بىر ھەمكارلىقى ئۇلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۆلچىمىگە بالدۇرراق يېتىشىگە پايدىلىق.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 16 قوشۇلغان بىر ھەمكارلىقىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى پىرىنسىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمگە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار قانۇن قائىدە نىزام رامكىسىغا باشتىن ئاخىر ئەمەل قىلىنىپ؛ بازارلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. يەكلەش خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمەيدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا سوفىيەدە 16 قوشۇلغان بىر يەرشارى شېرىكلىك مەركىزى تەسىس قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەر قايسى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن قائىدە نىزاملىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش؛ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن سىياسەت، قانۇن قاتارلىقلاردىن مەسلىھەت سوراش ۋە ئەقلى كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەش؛ 16 قوشۇلغان بىر ھەمكارلىقىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ، باراۋەر ، ئادىل، ئاشكارا پىرىنسىپىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ ئېچىۋېتىشى، گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.