يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاقىدار خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-11 17:15

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇل جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ھەمدە 2016-يىلى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، 3-قېتىم ئەرەب دۇنياسىغا مۇھىم سىياسەتنى جاكارلىشى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاقىدار خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرى ۋە يېڭى تەشەببۇسى شەرھلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپ، كەلگۈسى ھەمكارلىقنىڭ ئېنىق، يولغا قويغىلى بولىدىغان پىلانى تۈزۈپ بېرىلدى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى قوشۇلدى.

جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ گۇاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت يېڭى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى ئېچىپ بەردى. بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ مەنيۇەن مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى پىلانلاش، مۇنبەر قۇرلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلار جەھەتتە جۇڭگونىڭ كۆز قارىشىنى شەرھلەپ، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ئەرەب ئەللىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئوماننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇللا سائاد مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. بۇ ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق ھەمكارلىشىشىنىڭ پىلانى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۈبەر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن نەچچە يىلدا جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى مېخانىزمىدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى كۆپ ساھەلەردە تېز تەرەققىي قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى قوللايدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى يەنىمۇ كۆپەيتىدىغان رىشتە.

جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە سابىق ئالاھىدە ئەلچىسى ۋۇ سىكې مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق رايونى ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو تەشەببۇسىنى دەل جايىدا ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق رايونى بىر خىل «پارچىلىشىش» ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، رايون ۋەزىيىتى جىددىيلەشمەكتە، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىش تەپەككۇرىدە مەسىلىنىڭ ئاساسى ئىگىلەنگەن بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۇڭ مەنيۇەن مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە «سىغدۇرۇشچان يارىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىلىك مۇرەسسەلىشىشكە قارشى تۇرۇش» قاتارلىق ئىدىيەنى تىلغا ئالدى، بۇ سۇرىيە مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە.

ئابدۇللا سائاد مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەرەبلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەقىقىي شېرىكى.

دۇڭ مەنيۇەن مۇنداق دېدى:جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى بىردەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئوخشاش تەرەققىيات تەلىپى ۋە گۈللىنىش ئارزۇسى بار. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچ،مۇقىم تەرەققىياتنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدا يەتكۈزۈپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالىدۇ.