«مارىيە» تەيفېڭ بورىنى جېجياڭ، فۇجيەندە قاتتىق بوران-چاپقۇن پەيدا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:10

بۇ يىللىق 8-نومۇرلۇق «مارىيە» تەيفېڭ بورىنى تۈنۈگۈن سائەت توققۇزدىن ئون مىنۇت ئۆتكەنلەردە فۇجيەننىڭ فۇجۇ شەھىرى ليەنجياڭ ناھىيەسىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، فۇجيەن، جېجياڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا كۈچلۈك بوران، قارا يامغۇر پەيدا قىلدى، ئىككى جاي 580 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يۆتكىدى، شەرقتىكى دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن پويىزلار قاتناشتىن توختىدى. تاشقىن مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سىچۈەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇدا يامغۇر يېغىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەت پەيدا قىلدى.

«مارىيە» تەيفېڭ بورىنى فۇجيەن ئۆلكىسى ليەنجياڭ ناھىيەسى خۇاڭچى يېرىم ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندا مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ يۇقىرى شامال كۈچى 14 بالغا، شامال سۈرئىتى سېكۇنتىغا 42 مېتىرغا يەتتى. ليەنجياڭنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا شامال بىلەن يامغۇر گىرەلىشىپ، قارا بوران، شىددەتلىك دولقۇن پەيدا قىلدى.

ليەنجياڭ ناھىيەسى خۇاڭچى بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ دۈەنمىڭ مۇنداق دېدى: تەيفېڭ بورىنى قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ناھايىتى كۈچلۈك جەنۇب شامىلى پەيدا قىلدى، ھازىر جەنۇب شامىلى جەنۇب تەرەپتىكى سەككىز كەنتتە ناھايىتى كۈچلۈك چىقىۋاتىدۇ، دېڭىز دولقۇنىمۇ بەك كۈچلۈك، تۈرۈلۈپ كەلگەن دېڭىز دولقۇنى ئاز دېگەندە بەش، ئالتە مېتىرغا يەتتى، كوچىدا ماڭغاندا كۆزنى ئاساسەن ئاچقىلى بولمايدۇ.

بۇ قېتىمقى تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، ھازىرغىچە فۇجيەن ئۆلكىسىدە 110 مىڭ 200 ئادەم، 3900 گېكتار يەردىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىدى، 17 بۆلەك يول ئۈزۈلۈپ قالدى، تۆمۈريولدا 158 جۈپ پويىز قاتناشتىن توختىدى، 213 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئومۇمىي زىيان 547 مىليون يۈەنگە يەتتى. شىددەتلىك «مارىيە» تەيفېڭ بورىنى يەنە جېجياڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىنى ئاپەتكە ئۇچراتتى، ۋېنجۇ لېچىڭ شەھىرىنىڭ دائىرىسىدە جەمئىي 18 بۆلەكتىكى ئون كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر لىنىيەسىدە كاشىلا پەيدا بولۇپ، 12 مىڭ 408 ئائىلىنىڭ توكى توختاپ قالدى.

ئېلېكتىر خىزمەتچىسى جۇشياڭ مۇنداق دېدى: نەق مەيداندىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىغاندا، جىددىي رېمونت قىلىش شارائىتى يوق، ئەمما ھازىر بىزنىڭ جىددىي رېمونت قىلىش كۈچلىرىمىز تەق بولدى، بوران ئاجىزلىسىلا تېزدىن جىددىي رېمونت قىلىمىز.

نۆۋەتتە، «مارىيە» تەيفېڭ بورىنى جياڭشىغا كىردى، جياڭشىمۇ تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى، جايلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇللىرى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلەندى. ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب قاتارلىق جايلىرىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەت پەيدا بولدى. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، سىچۈەن ئۆلكىسىدە ياغقان يامغۇر باشقا يىللاردىكىدىن ئوتتۇرىچە %40 كۆپ بولدى، ھازىرغىچە ياغقان يامغۇردا ئۆلكە بويىچە ئۈچ مىليون 10 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 10-، 11-ئىيۇل، شەنشىدە ئۇدا يامغۇر ياغدى، خەنجۇڭ شەھىرىنىڭ نىڭچياڭ، لۆياڭ ناھىيەلىرىنىڭ قىسمەن يېزا-بازارلىرى ئاپەتكە ئۇچراپ، ئامما جىددىي يۆتكەلدى. قارا يامغۇر لۇڭخەي تۆمۈريولىنىڭ تۆۋەنكى لىنىيەسىدىكى شىنتوشى-شىنجيەنخې بۆلىكى، باۋجى-چېڭدۇ تۆمۈريولىنىڭ تۆۋەنكى لىنىيەسىدىكى جۈنشىمياۋ-چاۋتيەننەن بۆلىكىنى ئايرىم-ئايرىم ئۈزۈۋەتتى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 14 كېچە، جەمئىي 50 نەچچە يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.