رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ھەر قايسى تەرەپلەر ئىجابىي باھا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 15:14

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 10-ئىيۇل جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ھەر قايسى تەرەپلەر ئىجابىي باھا بەردى.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋر دىپلوماتىيەسىدىكى «ئىككىنى بەرپا قىلىش» يادرولۇق ئىدىيەسىنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ رېئاللىقى ۋە ئېھتىياجى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئىدىيەسىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالجىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىرسالىخ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنى ناھايىتى يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويدى، ئەرەب دۇنياسى زور ئىسلاھاتنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ دەل بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق تىنچسىزلىقنى تۈگىتىش، تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتەك جىددىي ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن ئىشلار چېگىش، مۇرەككەپ، كۆپچىلىك بۇلارنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشى، بىر تەرەپنىڭلا سۆزى بىلەن ئىش كۆرمەسلىكى كېرەك. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربى ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ گۇاڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، بۇ سۆز ناھايىتى ئاممىباب، ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇشۇنداق چېگىش مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا تېڭىشى ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە تەشەببۇس قىلغاندەك، ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەكىتلىگەندە، كەڭ قۇرساق بولۇش، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسىگە قارشى تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش جەھەتتە رول ئوينىشى يۈكسەك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كۇۋەيتنىڭ 1-مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ساباھ مۇنداق دېدى:

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئەرەب رايونىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تەرەققىيات ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشەببۇسى ئەرەب دۆلەتلىرى خەلقى دۇچ كەلگەن ئازابنى يېنىكلەتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئەرەب ئەللىرى بىلەن دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسى. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گايىت مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ناھايىتى ئىجابىي تەشەببۇس، ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەردە، جۈملىدىن پورت، تۆمۈر يول، ئاۋىياتسىيە، مەبلەغ سېلىش، سودا قاتارلىق جەھەتلەردە رول ئوينايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەرەب ئەللىرى خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئەرەب ئەللىرى ياشلىرى ۋە ئالىملىرىدىن مىڭ كىشىگە جۇڭگودا تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالدى، بۇ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا، ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىغا پايدىلىق.

جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ مەنيۇەن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ سۆزى رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوشۇپ، جۇڭگو تەشەببۇسى بىلەن تەمىنلىدى. ئەگەر جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى بۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئىش تۇتىدىغان بولسا، ئەرەب دۇنياسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىنىدۇ، ھەتتا بۇ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە يۈكسىلىدۇ، بۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.