شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 17:58

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، شۇڭا بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى قەتئىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى شەرت. مەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تۆت ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باش بولۇپ قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مىنىستىرلىق، كومىتېت پارتگۇرۇپپىلىرى، پارتكوملىرىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەم تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 12-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئورۇنلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭنى» پۇختا تىكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچى بولۇپ قەتئىي قوغداپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەلتۆكۈس ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ جەھەتتە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، «نەمۇنىلىك ئورگان» قۇرۇشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى نامايەن قىلىپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپى خىزمەتلەرگە يۇغۇرۇپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تەپسىلىي، ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. يىغىندا يەنە پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى ئىدىيە سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.