يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنسا، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-07-12 17:59

ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا بەش يىل 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام ھەرىكىتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى. بۇ يىل يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان يىل، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش باشلانغان يىلدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى تېرىقچىلىقنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زېڭ يەندې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قېيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئېكولوگىيە تېرىقچىلىقى تېزلەشتى. شىمالىي جۇڭگو ۋە شىنجاڭنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رايوندا تەڭشەپ قىسقارتىلغان بۇغداي كۆلىمى 2 مىليون مودىن ئاشتى. غەربىي جەنۇب غەربى شىمالدىكى بۇغداي دات كېسىلى ۋىرۇس مەنبەسى رايونىدا تەڭشەپ قىسقارتىلغان بۇغداي كۆلىمى 700 مىڭ مودىن ئاشتى. پىلانغا ئاساسەن، 2020-يىلغىچە ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىدە ئۆلچەم بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئايلانما تەرەققىيات بىلەن پۈتۈنلەي قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %40 كە يەتكۈزۈپ، ئىشلىتىش مىقدارىدا «مەنفى ئېشىشنى» ئىشقا ئاشۇرۇپ، باقمىچىلىقتىكى كېرەكسىز تاشلاندۇق ماددىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتىنى %75 كە يەتكۈزىدۇ.

«يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «يېزا-ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» تەرەققىياتىدىكى بىر يۈرۈش تۈزۈم خاراكتېرىلىك تەمىنلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپچانلىقى زور دەرىجىدە قوزغىتىلدى.

ئۆتكەن يىلى كۈز پەسلى- كۈز ۋە قىشلىق تېرىقچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلاش، 2- نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش كېرەك. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا يەرلىرىنىڭ تىجارەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى يەنە بىر زور تەدبىرى بولۇپ، يېزا ئاساسىي تىجارەت تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ،دېھقانلارنىڭ يەرنى ياخشى تېرىش، ئاشلىقنى ياخشى تېرىش ئاڭلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

يازلىق ئاشلىق پۈتۈن يىللىق ئاشلىقنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنسا پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ. زېڭ يەندې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىقنى چىڭ تۇتۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ سانى، سۈپىتىنى سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ماسلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. نۆۋەتتە، يازلىق ئاشلىق دانچىلىرىنىڭ ئىسكىلاتقا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈزگى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك.