جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 10:16

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق پارس قولتۇقى رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تىرەك دۆلەت. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ بىر يۈرۈش ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلىشى، بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشى جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر: بۇ قېتىمقى زىيارەت خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، دەپ قارىدى.

ئەبۇزەبى خەلىپىلىكى غەربىي رايون تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەت.سالىخ.مۇھەممۇرى مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇۋاتقان غەربىي رايون ئەبۇزەبى ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى ھېسابلىنىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ نېفىت كارخانىلىرىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ غەربىي رايونى بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپ ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، غەربىي رايون تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ جۇڭگودىن سودىگەر چاقىرىشقا مەسئۇل مەخسۇس خادىمىغا كېلىدىغان تېلېفون كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە جۇڭگونىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش تەجرىبىسى بىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتى ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقى جۇڭگو بىلەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. ئەسلەتمىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى زىياۋىدىن: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، يېمەكلىك باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق، دېدى.

ئەبۇزەبى كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى ئەرەب دۇنياسىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇ، تاماشا ساھەسىدىكى ماگنات، 2016-يىلىدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماك.گارىن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز جۇڭگو بىلەن كېڭىشىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى 24 سائەت كۆرسىتىدىغان تۇنجى خەنزۇچە تېلېۋىزىيە قانىلىنى قۇرۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگونى قۇچاقلاش» پىلانى بويىچە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، ياتاق، مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىزدىنىش، ساغلاملىق ۋە مېھمان كۈتۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ھېسلىرى كۈچەيتىلىدۇ. «جۇڭگونى قۇچاقلاش» پىلانى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شاھزادىسى مەجىد. ئەل.مۇئاللاھ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىغا غايەت زور تۈرتكە بولىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسى ۋە ساياھەتچىلىكى داۋاملىق چوقۇم كۈچەيتىلىپ، «جۇڭگونى قۇچاقلاش» پىلانىنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ساھەسىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىلىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىبوت.سام مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تۈگۈنى. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ مەركەز بۇ يىل جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە پائالىيەتنىڭ كۆلىمىنى، قاتنىشىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياش پەن-تەتقىقاتچىلارغا قارشى تەرەپكە بېرىپ زىيارەت قىلىپ ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇش ۋە كەسىپ سىياسىتى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش. دۇبەي ئىنتېرنېت شەھەرچىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئومەر.مالىك مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىزچىل ئەرەب بىرلەشمە بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم خەلقئارا سودا شېرىكىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىركەتلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پەن-تېخنىكا، مەبلەغ سېلىش، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىغا پائال قاتناشتى ھەمدە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەققىدە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. خۇيفېڭ بانكىسى خەلقئارا تارمىقىنىڭ تىجارەت مەسئۇلى كېللىر. بوگ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تۈگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي كۈچىگە ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك كەسپىي مۇلازىمەتكە ئىگە. بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە غايەت زور سودا پۇرسىتى بار، بۇ بانكىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت.