تىرامپ ھۆكۈمىتى قوزغىغان سودا سۈركىلىشى ئامېرىكىغا زىيان سالماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 10:25

ئامېرىكا گىيورگى ماسون داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى دونالد بۇدرو يېقىندا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا: تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سودا قارىشى خاتا، ئۇلار قوزغىغان سودا ماجىراسى ئامېرىكىغا زىيان سالماقتا، دېدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، تىرامپ ھۆكۈمىتى سودا قورۇقچىلىقى قىلىپ، ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى ئۆز ئالدىغا جاكارلاپ، ئۆزلىرىنىڭ سودا شېرىكلىرىنى جازالىدى، يەرشارى سودا مۇناسىۋىتى بارغانسېرى جىددىيلەشتى. بۇدرو بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا قارىشىنى بۇنىڭدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ. تىرامپ ھۆكۈمىتى سودىنى «يېڭىش-يېڭىلىش» ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، خاتا ھالدا «سودا پاسسىپ بالانسىنى ئامېرىكىنىڭ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ قاراپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىچكى سودا سىياسىتىنىڭ ئاجىز بولۇشىدىن ياكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ھەرىكىتىدىن كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى رىقابەتلىشىدىغان كارخانىلار دەپ ھېسابلىدى، ھالبۇكى، ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە ئوخشىمايدۇ.

بۇدرو مۇنداق دېدى: سودا تىرامپ ھۆكۈمىتى ئويلىغاندەك بولماستىن بەلكى تەڭ پايدا كۆرىدىغان مۇناسىۋەت، ئامېرىكا باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سودىلاشقاندا ئىككىلا تەرەپ پايدا ئالغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن بولغان سودا سۈركىلىشىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك. تارىخ بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئۆز ئالدىغا سودا قورۇقچىلىقى قىلىش باشقىلارنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.

تىرامپ ھۆكۈمىتى قوزغىغان سودا ماجىراسى يەرشارىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى شۇنداقلا سودا سىستېمىسىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن يەنە ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلار، ياسىمىچىلىق سودىگەرلىرى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالدى، بۇنىڭ نارازىلىق سادالىرى كۈچەيدى.

بۇدرو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ھازىرقى سودا ماجىراسىدا ھەممىدىن ئاۋۋال زىيانغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى كۆپەيتكەندە، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئامېرىكىلىقلارغا جازا خاراكتېرىدىكى باج ئارتىلدى، شۇڭا ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتى يۇقىرى تاموژنا بېجىنىڭ زىيىنىغا دائىم ئۇچرايدۇ.

بۇدرو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش خام ماتېرىيال ئىمپورت قىلىشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكا كارخانىلىرىغا زىيان سالىدۇ. مەسىلەن، تاموژنا بېجى ئۆرلىسە ئامېرىكىدىكى پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان ياسىمىچىلىق سودىگەرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئاشىدۇ، پايدىسى تۆۋەنلەيدۇ، باھانى ئۆستۈرسە ئېھتىياج ئازلاپ كېتىدۇ، شۇڭا قىسمەن كارخانىلار قىيىن ئەھۋالدا قالدى، بەلكىم ئۇلار ئاخىرىدا خىزمەتچىلىرىنى قىسقارتىشى ياكى ئامېرىكىدىكى زاۋۇتلىرىنى تاقىۋېتىشى مۇمكىن.

تاموژنا بېجى جەھەتتە قوغداشقا ئېرىشكەن ئامېرىكا كەسىپلىرى ياكى كارخانىلىرىنىڭ رىقابەتچىلىرى ئازلايدۇ، شۇڭا ئۇلار مەھسۇلات باھاسىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قولىدىكى بايلىق ئۈنۈملۈك تەقسىملەنمەي، بايلىق ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇدرو بۇنى چۈشەندۈرۈپ: تاموژنا بېجىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، بايلىق شۇنچە ئىسراپ بولىدۇ، زىيان شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا سودىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئىقتىسادشۇناس بۇدرو يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىمپورتى ئازلاپ كەتكەندە، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قولىدىكى ئامېرىكا دوللىرىمۇ ئازلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىن مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرما جازا يۈرگۈزۈشىنى قوشقاندا، ئامېرىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ھېسابلىشىچە، قايتۇرما جازا تەدبىرلىرى ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان سالغان.

بۇدرو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلىماقچى بولسا، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇ خىل سودا سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلسا، بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپلا قالماستىن يەنە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنىمۇ بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن.

بۇدرو ئاخىردا مۇنداق دېدى: تىرامپ ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ئاساسلىق باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە زىيان سالىدۇ دەپ قارىدى، ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ كۆپ قىسىم زىيىنىنى ئامېرىكا ئۆزى تارتىدۇ، ئوق باشقىلارغا ئەمەس بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە ئېتىلدى.