سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە تالاش تارتىشى ئەۋجىگە چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-08-09 14:10

سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە تالاش تارتىشى 7-ئاۋغۇست ئەۋجىگە چىقتى، نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: ئىككى تەرەپ مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك، ئامېرىكا ھەممىگە چات كېرىۋالسا بولمايدۇ، دېدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى تالاش-تارتىشتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇنغىچە ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەب بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى كانادانىڭ مۇھىم ئېكسپورت بازىرى، تالاش- تارتىشلار ئەگەر تېزدىن ھەل قىلىنمىسا ، كانادا چوڭ سودا زىيىنىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدىكى«ئىنسانىي ھوقۇق كۆزىتىش» تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى ئىككى كىشىنى قولغا ئالدى؛ 5-ئايدىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 10دىن ئارتۇق «ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش ئەربابى» ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىندى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە بىر «ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى»نىڭ ئىنىسى ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئايالى كانادادا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا كانادا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: كانادا تىلغا ئالغان قولغا ئېلىنغانلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، بۇ كىشىلەر تەكشۈرۈلگەن ۋە سوتلانغان مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

كانادا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى «تىۋىتتېر»دا خەۋەر تارقىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش ئەربابلىرى»نى قولغا ئالغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرىنى «بۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە» دەۋەت قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاۋغۇست سەھەردە تۇيۇقسىز مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كانادا «سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشتى»، شۇڭا بىز كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدۇق ھەمدە كانادانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىدىن 24 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدۇق. سەئۇدى ئەرەبىستانى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادا بىلەن بولغان بارلىق يېڭى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى، كانادادىكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان 15مىڭ ئوقۇغۇچىسىنى ياندۇرۇپ كېلىشنى، كانادادا داۋالىنىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى جاكارلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيەسىمۇ كاناداغا ئۇچۇش لىنىيەسىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فرېلاند شۇ كۈنى كانادا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراتقان دىپلوماتىك مەيدانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دېدى.

7-ئاۋغۇست، ئىككى تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشى ئەۋجىگە چىقتى. مىسىر، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پەلەستىن ۋە پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئارقا-ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادا ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم سورىماقچى بولغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 7-ئاۋغۇست ئىككى دۆلەتنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، تالاش-تارتىشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلغان. كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىمۇ شۇ كۈنى كانادا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك، ئامېرىكا ھەممىگە چات كېرىۋالسا بولمايدۇ، دېدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كانادا زۇڭلىسى تىرودو رەھبەرلىكىدىكى ھۆرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن كانادانىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ئوڭۇشلۇق راۋاجلانمىدى، كانادانىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى مۆتىدىل پوزىتسىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى كانادانىڭ مۇھىم ئېكسپورت بازىرى، پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ بازىرى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ھەر يىلى تەخمىنەن 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كانادادىن ئىمپورت قىلىش سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا كانادا بىر قەدەر ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان تارىتىشى مۇمكىن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي ۋە ئارپىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان.

ئۇندىن باشقا، كانادا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرىسىدا يەنە قىممىتى 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال-ياراغ توختىمىمۇ بار. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىسى ھەممىباب ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ كانادادىكى بالا شىركىتى 2014-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 600 بىرونېۋىك زاكىسىغا ئېرىشكەن، كانادانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى بۇ توختامنى ئىمزالىغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۆرىيەتچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توختام نۇرغۇن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان كانادا بىلەن ئوتتۇرا شەرققە جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، سىرتتىكىلەر بۇ قېتىم مۇناسىۋەتنىڭ تۇيۇقسىز يامانلىشىپ كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە تالاش-تارتىشىدا ئىككى دۆلەتنىڭ مەيداننى بىردەك ئەمەستەك قىلىدۇ.

يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ تالاش- تارتىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تىۋىېتتىردىكى بىر كىچىك ماقالە سەۋەبچى بولغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ بىر كۈندىلا بولغان ئىش ئەمەس، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تۇيۇقسىز يامانلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب «تىۋېتتىردىكى ماقالىلا» ئەمەس. ئىككى تەرەپ تالاش- تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەبنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.