ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئالاقىلىشىش بىخەتەرلىكى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-10 18:29

ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە مۇداپىئە ھەققىدىكى «2+2» سۆھبىتى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالاقىلىشىش بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، كېلەر يىلى ئۈچ ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ قۇرال جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلاردىكى ئىختىلاپىنى تىلغا ئالمىدى.

ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۋاراجې ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىتارامەن 9-ئاينىڭ 6-كۈنى يېڭى دېھلىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتېس بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ستارامان بىلەن ماتېس «ئالاقىلىشىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى» ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئالاقە بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا يول ئاچتى. بۇ ھىندىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان قۇرال جابدۇقلارغا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھىندىستان ئەسلىدە بۇ كېلىشىمنىڭ «تاجاۋۇز خاراكتېرىدە» بولۇشىدىن، كېلىشىمنى ئىمزالاش ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاقە تورىنى ئېچىپ بەرگەنلىك دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدى. بىراق، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھىندىستاننىڭ بىر ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: يېڭى دېھلى مەيدانىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتمەكتە دېدى.

پومپىيونىڭ دېيىشىچە، كېلىشىم ئىمزالاش ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن تاشلانغان «زور بىر قەدەم» كەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستاننى ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىپ، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا ئاكتىپ بالانسىنى كىچىكلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئۆتكەن 10 يىلدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ 2- چوڭ قۇرال ساتقۇچىسىغا ئايلاندى، ئىككى تەرەپ تەخمىنەن 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مۇداپىئە سودىسىنى تاماملىدى.

«ئالاقىلىشىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نى ئىمزالىغاندىن باشقا، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا 2019-يىلى ھىندىستاننىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىدا دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈچ ئارمىيەنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشى. ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى ھەمدە ئالاھىدە قىسىمغا چېتىشلىق قۇرۇقلۇق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزگەن ئىدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا « ئالاقىلىشىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى» ئىمزالىغان، بۇ ھىندىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ S_400 تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننى جازالاش مۇمكىنچىلىكىنى كىچىكلىتىشى مۇمكىنكەن.
رۇسىيە ھىندىستاننىڭ 1-چوڭ قۇرال جابدۇق كېلىش مەنبەسى. ئىككى دۆلەتS-400 تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى توختامى سۆھبىتىنى تاماملىدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 10-ئايدا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى ئىمزالىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئامېرىكا ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقى بار 3- دۆلەت ۋە 3- دۆلەت كارخانىلىرىنى جازالايمىز دەپ تەھدىت سالغان ئىدى. ئەمما بۇ توسالغۇ نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن پوزىتسىيەسى قايتىدىن ئىللىدى. ئامېرىكا 2019-يىللىق مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى لايىھەسىدە رۇسىيەنىڭ ھەربىي جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىش سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنى كەچۈرۈم قىلىمىز دېگەن ئىدى. بۇ ھىندىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ھىندىستان دىن مۇرىتلىرى گېزىتى» قاتارلىق بىر قانچە ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا ئىلگىرى ھىندىستان قىسىمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان، ئامېرىكا بىلەن «ئالاقىلىشىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك كېلىشىمى» ئىمزالاش ھىندىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىغا پايدىسىز دەپ خەۋەر بېرىلدى.

شۇ كۈنى كەچرەك ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھىندىستاننىڭ S-400 تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مۇخبىرىغا ئامېرىكا ھىندىستاندىن ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى ئۈزۈل كېسىل توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئىككى تەرەپ «ئىنتايىن تەپسىلىي سۆزلەشتى»، بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى ھىندىستان بىلەن بولغان سۆزلىشىشىمىزنىڭ بىر قىسمى دېگەن ئىدى.

پومپىيو مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ نېفىتىنى ئىمپورت قىلىدىغان بەزى دۆلەتلەرگە «مۇددەتنى ئۇزارتىش»غا يول قويۇشنى ئويلىشىمىز، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇ دۆلەتلەر ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلماسلىقى كېرەك. بولمىسا ئامېرىكىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىراننىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

«2+2» ئۇچرىشىشى ئەسلىدە بۇ يىل 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، كېيىن 6-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى، ئاخىرى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېچىلدى، بەزى تەھلىلچىلەر: سۆھبەتنىڭ كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىختىلاپىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى دەپ قارىدى.