شىمالىي ياۋروپادىكى "پاراۋانلىقىزم"نىڭ ۋەكىلى بولغان شىۋىتسىيە ئەندىزىسى چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىللار دولقۇنىغا ئۇچىرىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-12 16:51

شىۋېتسىيە سايلام كومىتېتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان دەسلەپكى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى چوڭ ئەنئەنىۋى پارتىيە لاگېرى بولغان ئوتتۇرا سول قانات ۋە ئوتتۇرا ئوڭ قانات پارتىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 40.6 ۋە %40.3 ئاۋازغا ئېرىشكەن؛ سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيە بىلەن قارايدىغان ئەشەددىي ئوڭ قاناتلار پارتىيەسى بولغان شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى % 17.6 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

جامائەت پىكرى تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى سىياسىي ئىتتىپاق يېرىمدىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى سىياسىي سەھنىدە «چەكلەش» رولىنى ئوينايدىكەن. شىمالىي ياۋروپادىكى "پاراۋانلىقىزم"نىڭ ۋەكىلى بولغان شىۋېتسىيە ئەندىزىسى چېكىدىن ئاشقان ئوڭچىللار دولقۇنىغا ئۇچرىدى، كەلگۈسى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كابىنېت تەشكىللەش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈمى ئىسلاھات يۆنىلىشى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، شۇنداقلا مۇساپىرلار مەسىلىسى ئېلىپ كەلگەن ياۋروپا قىيىنچىلىقىغا يېڭى دېلو مىسالى قوشتى.

دەسلەپكى ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، مۇھىت پارتىيەسى ۋە سول قاناتلار پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا سول قاناتلار پارتىيەسى لاگېرى پارلامېنتىكى 349 ئورۇن ئىچىدىكى 144 ئورۇنغا ئېرىشكەن؛ مۆتىدىللەر بىرلەشمە پارتىيەسى، مەركىزىي پارتىيە، لىبېرالىستلار پارتىيەسى ۋە خىرىستىيان دىنى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا ئوڭ قاناتلار لاگېرى پارلامېنتتا 143 ئورۇنغا ئېرىشكەن؛ شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامېنتتا 62 ئورۇنغا ئېرىشكەن.

شىۋېتسىيە رادىيو ئىستانسىسى شىۋېتسىيە گوتېبورگ داشۆسىنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى مىكائىل.گېلىئامنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىككى چوڭ پارتىيەلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى بىر بىرىگە ناھايىتى يېقىن. يېڭىش - يېڭىلىش نەتىجىسى بەلكىم 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخىرقى نەتىجە چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئايان بولىدۇ.

شىۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كاتتىبېشى، ھازىرقى باش ۋەزىر لېۋىن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تارىختىكى چوڭ پارتىيەلىك شانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى شىۋېتسىيە يۇقىرى پاراۋانلىق سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، شۋېتسىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋەزىيىتى ياخشى بولغان بولۇپ، مەشھۇر "شىۋېتسىيە ئەندىزىسى" شەكىللەنگەن. لېكىن دەۋر ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۋېتسىيەنىڭ يۇقىرى پاراۋانلىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز يىگىلەپ باردى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك سايلام ۋاقتىدا، سايلىغۇچىلار "شىۋېتسىيە ئەندىزىسى"نىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىگە داۋاملىق ئىشىنىش بېلىتى تاشلىدى. لېكىن مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئىشەنچى تەۋرىتىپ قالدى.

ئۆتكەن ئالتە يىلدا، نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليون بولغان شىۋېتسىيە تەخمىنەن 400 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلدى. پەقەت 2015-يىلىلا 163 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىپ، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى. شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى مۇساپىرلارنىڭ كۆپلەپ بۆسۈپ كىرىشى جەمئىيەتنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىدى، جۈملىدىن قىسمەن رايونلاردا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جامائەت بايلىقىنىڭ قىسلاشقانلىقى، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ كېمىيىشى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىنى مۇساپىرلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن كۆردى. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىسلاھاتى تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى.

بۇنىڭ بىلەن ئەشەددىي ئوڭ قانات شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۆچمەنلىككە قارشى قاتتىق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، "ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش"نى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىم مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن15 ئى كۆپىيىپ، شىۋېتسىيەدىكى 3-چوڭ پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

يېقىنقى يىللار بۇيان، شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زورىيىشىدىكى ئىزلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2010-يىلى پارلامېنت سايلىمىدا، شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى % 5.7 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم پارلامېنتقا كىردى؛ 2014-يىلى سايلامدا، بۇ پارتىيە ٪13 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 3-چوڭ پارتىيە بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا، شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش سانىدا داۋاملىق ئۆرلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئوتتۇرا سول قاناتلار لاگېرىنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەمدە شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەش يۈزلىنىشى- ئەنئەنىۋى لاگېرنى ئەندىشىگە سالدى.

شۇ جايدىكى تاراتقۇلار ئىستوكھولم داشۆسىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى جېنىس.رۇدېرگېننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئەنئەنە جەھەتتە سول قاناتلار پارتىيەسى لاگېرىنى قوللايدىغان سايلىغۇچىلار ھۆكۈمەت مۇساپىرلارغا دەرۋازىنى بەك ئېچىۋەتتى، دەپ قارىدى ھەمدە مۇساپىرلار شۋېتسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. شۇڭا ئۇلار قاتتىق قارشى مەيدان تۇتىدىغان شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنى قوللاشقا ئۆتتى.

شىۋېتسىيەنىڭ گېتېبۇرگ داشۆسى سىياسىيشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندرېۋ مۇخبىرغا، گەرچە شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى ئەڭ ئاخىرىدا كابىنېت تەشكىللەشكە قاتنىشالمىغان تەقدىردىمۇ، مەزكۇر پارتىيە پارلامېنتتا تېخىمۇ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ، دېدى.

شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىۋېتسىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۆلچەرلەش ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى ئىككى ئەنئەنىۋى چوڭ پارتىيە لاگېرى ئېرىشكەن ئورۇن بىردەك يېرىمدىن ئاشمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككى تەرەپ ھازىر شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلمىدى.

لېۋىن دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇدا باش ۋەزىر بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە " لاگېر ئاتلاپ" تېخىمۇ كۆپ پارتىيە-گۇرۇھنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھەرگىز شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.