بىر بەلباغ، بىر يول جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنىڭ يېڭى يولى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-12 16:56

16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىپەك، چاي، فارفۇر بۇيۇملار لىق قاچىلانغان « جۇڭگو پاراخوتى » فۇجيەندىن يولغا چىقىپ مېكسىكىنىڭ ئاكاپۇلكوغا يېتىپ بېرىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا ئالاقە تارىخىنى ئاچتى . 500 يىلدىن كېيىن ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ ، بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە مەدەنىي سۆھبەتلىشىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى .

9-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر بەلباغ ، بىر يول : جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەدەنىي سۆزلىشىش يولى باش تېما قىلىنغان 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىي سۆزلىشىش مۇھاكىمە يىغىنى نەنجىڭدا ئاياغلاشتى ، جۇڭگو ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 13 دۆلەتتىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى . بىر بەلباغ ، بىر يول ئارقىلىق ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەدەنىي سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇزاكىرە قىلغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

مېكسىكا شۆيۈەنى تارىخ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارىيانو بونىيالىئان مۇنداق دەپ قارىدى: مەيلى 16 -ئەسىردىكى تىنچ ئوكيان سۇ يولى ياكى ھازىرقى بىر بەلباغ ، بىر يول تەشەببۇسى بولسۇن ھەممىسى يەر شارىلىشىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدا دۇنيا ئىقتىسادى تەرتىپىنى تەڭپۇلاشتۇرۇش مۇھىم رولىنى ئوينايدۇ .

بۇ يىل بىر بەلباغ ، بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى . لاتىن ئامېرىكىسى 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تەبىئىي راۋاجى ۋە بىر بەلباغ ،بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قاتناشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر بەلباغ ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ ، تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ . ھازىر توققۇز لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى جۇڭگو بىلەن بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى .

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى لاتىن ئامېرىكىسى تەتقىقاتخانىسى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو سۈنخەي مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ ، بىر يول تەشەببۇسى دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى، ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەن « بەشنى راۋانلاشتۇرۇش » روھى بولۇپمۇ سىياسەت ئالاقىسى ۋە ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن مەدەنىي سۆزلىشىشنىڭ يادرولۇق ئاساسىي مەزمۇنى تومۇرداش .

مېكسىكا ۋېراكرۇز داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئانبال سوتېرېي بىر بەلباغ ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى ئالاقىسى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلسا دەپ تەكلىپ بەردى .ئۇ بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ياخشى سىناق دېدى.

ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن غەربتىكى بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى جۇڭگو باراۋەرلىك ، كۆپ تەرەپلىك سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، كۆز قارىشىنى ئەزەلدىن باشقىلارغا تاڭمايدۇ.

گو سۈنخەي مۇنداق دەپ قارىدى: بىر بەلباغ ، بىر يول ئاساسىي رامكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى تىل ، مەدەنىيەت، نەشرىيات، پەن، تاراتقۇ قاتارلىق كۆپ خىل يول جەھەتتە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ ، بىر خىل كۆپ تەرەپلىمىلىك ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك مەدەنىي سۆزلىشىش قېلىپىنى شەكىللەندۈردى.

تىل مەدەنىي سۆزلىشىش قورالى، شۇنداقلا مەدەنىيەت تارقىتىش ۋاسىتىسى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ « جۇڭگو قىزغىنلىقى » ۋە جۇڭگونىڭ « لاتىن ئامېرىكىسى قىزغىنلىقى » ماس قەدەمدە يۇقىرىلىماقتا.

نۆۋەتتە، جۇڭگو 21 لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتىدە 40 كۇڭزى شۆيۈەنى ، 12 مۇستەقىل كۇڭزى دەرسخانىسى ۋە بىر رايون مەركىزى تەسىس قىلدى. 2017 - يىلى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدىكى كۇڭزى شۆيۈەنىگە تەخمىنەن 45 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 9 كۆپ . جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر ئىسپان، پورتۇگال تىلى كەسپى ئاچتى، ئىسپان تىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى .

كولومبىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رۇئېدا مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھەمكارلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش ۋە مەبلەغ سېلىش ، تېخىمۇ قويۇق ساياھەت ئالاقىسى تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

چىلى بىلەن ئارگېنتىنا يېقىندا كېلىشىم ئىمزالاپ ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگو مېكسىكا ۋە پاناما بىلەن ئىككى يېڭى بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەردى .

دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق. مەدەنىيەت ئالاقىسى ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى. كولومبىيە رېژىسسورى رودرىگو . ئېسكوۋال ھۆرمەت قىلىش بىلەن پەرقنى قوبۇل قىلىش مەدەنىيەت توسالغۇسىدىن ھالقىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىلا جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقاتتىم ، بولۇپمۇ « غەربكە ساياھەت » دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ئىدى ، مەن بۇنىڭدىن جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مەدەنىيەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىشقا بولۇشتىكى ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقتىم.