ئەنگلىيە ئالىملىرى: سۈنئىي ئاقىلنىڭ تەھدىتى تېررورىزمدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:13

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پات-يېقىندا ئەنگلىيە ئىلىم-پەن جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەيدىغان ساررېي داشۆسنىڭ فىزىكىشۇناسى، پروفېسسور جىم خەلىلى ئاگاھلاندۇرۇپ: سۈنئىي ئاقىلنىڭ دۇنياغا سالىدىغان تەھدىتى تېررورىزمدىن ئېغىر بولىدۇ، دېگەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى» تور بېكىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جىم خەلىلى مۇنداق دېگەن: سۈنئىي ئاقىل «بەك تېز تەرەققىي قىلىپ كەتتى»، ئەمما ياخشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلمىدى، سۈنئىي ئاقىل ئەنگلىيەنى ناھايىتى ئوڭايلا تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىدۇ ھەمدە باي-نامراتلىق پەرقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋېتىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ سەۋەبلىك ئىشسىز قالىدۇ.

جىم خەلىلى يېقىندا لوندوندا ئېچىلغان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى مېنىڭدىن: كەلگۈسىدە بىز مۇزاكىرى قىلىدىغان ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ مۇھىم مەسىلە نېمە بولىدۇ دەپ سورالسا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ياكى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان باشقا چوڭ خىرىسلار، ئالايلۇق، تېررورىزىم، باكتىرىيەنىڭ دورىغا چىدامچانلىقى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتى ياكى دۇنيانىڭ نامراتلىشىپ كېتىشى، دەپ جاۋاب بېرىشىم مۇمكىن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شۇنىڭغا چىنپۈتتۈمكى، بىز مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئاقىل ئىكەن. نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، سۈنئىي ئاقىل باشقا بارلىق مەسىلىلەرنى ئىدارە قىلىدىكەن. ناۋادا رۇسىيەنىڭ خاككېرلىرى 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشتى دېيىلسە، ئۇنداقتا تور تېررورچىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە سۈنئىي ئاقىل كونتىرول قىلىپ تۇرىدىغان ئېلېكتىر تورى، ترانسىپورت سىستېمىسى، بانكا ياكى ھەربىي ئەسلىھەلەرگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قانداق توسۇش كېرەك؟ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ جەمئىيەتنى يۇشۇرۇن تەھدىت ۋە خەۋىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار.

ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز قارشىدىكى سۈنئىي ئاقىلنىڭ چەكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە. كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئاقىل كەڭ تۈردە قوللىنىلسا، باي-نامراتلىق تەكشىسىزلىكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرىشىنىڭ ئاساسى بار. مۆلچەرلىنىشىچە، ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىشسىزلىقنى كۈلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئاساسلىقى تۆۋەن ئىقتىدارلىق ئەمگەكچىلەرگە تەسىر قىلىدىكەن. كەلگۈسىدە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى تەسىرى قانداق بولىدۇ، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى.

ئۇ بىز ھازىر بۇ ساھەگە بولغان دىققەت، مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مىسلىسىز سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇلارنىڭ بەك تېز بولغانلىقىنى ھېس قىلدى دېدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: خەلىلى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر تېخىمۇ يۇقىرى ئاشكارىلىق ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىشى بولمىسا، سۈنئىي ئاقىلنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىش مۇمكىن بولمايدۇ، سۈنئىي ئاقىلنىڭ ئىنتېرنېتتىنمۇ چوڭ بولغان ئىنقىلابنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئۈمىد بار، بىراق ئەنگلىيە ۋەھىمىنىڭ ئاسارىتىدە قالغان ئاممىنىڭ ئىنكاسى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن دېدى.

ئۇ ئەگەر ئىلىم ساھەسى، ھۆكۈمەت ۋە كەسىپ ساھەسى بىردەك ھەرىكەت قوللانمىسا، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ خىل تېخنىكا ئاخىرىدا ئەمەلىي كۈچى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغان ئاز ساندىكى بىر نەچچە شىركەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، تىزگىنلىگىلى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن دېدى.

خەۋەردە، خەلىلى مۇشۇ ھەپتە ھۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نۆۋەتلىك ئەنگلىيە ئىلىم-پەن بايرىمىدا قىلىدىغان رەئىس سۆزىدە، سۈنئىي ئاقىل ئارزۇسى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ دېيىلدى.

ئۇ ئەنگلىيە بۇ تېخنىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا، 2030-يىلىغا بارغاندا، بۇ تېخنىكا يەر شارى ئىقتىسادىغا 15 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن دېدى.

خەۋەردە، سۈنئىي ئاقىل گېن ئۆزگەرتىش بىلەن ئوخشاش يولدا مېڭىشى مۇمكىن بولۇپ، ئامما تەرىپىدىن قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك شەيئى دەپ، سىياسىيونلار تەرىپىدىن زەھەرلىك مۇقەددەس رومكا دەپ قارالدى دېيىلدى. خەلىلى بۇنىڭ ھەقىقىي خەتەرلىك يېرى-ئاممىنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا گېن ئۆزگەرتىشكە قاتتىق قارشى تۇرغانلىقىغا ئوخشاش، سۈنئىي ئاقىلغىمۇ قاتتىق تۇرۇشى بولۇشى مۇمكىن دېدى.

ئۇ ئەگەر ئامما قاتناشمىسا، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز بۇنى ئۇنچە مۇھىم دەپ قارىمايدۇ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا كېچىكىپ قېلىشىمىز مۇمكىن دېدى.

خەۋەردە، كەلگۈسىدە، سۈنئىي ئاقىل جەمئىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشى مۇمكىن دېيىلدى. خەلىلى سۈنئىي ئاقىل كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ، ھەتتا ئىنتېرنېت ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشتىن ھالقىپ كېتىدۇ، بىز بۇنىڭغا بولغان تەييارلىقىمىزنى ياخشى قىلايلى دېدى.