رەئىس شى جىنپىڭ 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىدە قىلغان سۆزى بۇ خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:16

4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «يىراق شەرقنىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنەيلى - شەرقىي شىمال ئاسىيانىڭ گۈزەل يېڭى كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ رايوندىكى ئەللەر بىلەن بىرلىكتە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغداپ، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇققا قازىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى پۇختىلاپ، ئۇنىۋېرسال تەڭكەش تەرەققىي قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇلار: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇس دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشقان، رايوندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شەرقىي شىمال ئاسىيا رايونىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا يولغا قويغىلى بولىدىغان پىلان تۈزۈپ بەردى، دېيىشتى.

رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى ماكسىم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۆز ئارا زىيارەتتە بولدى، ھازىر شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىدىغان مۇھىم يېڭى سەھنىگە ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى سودا قۇرۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا مەسىلىسىنى سەمىمىي مەسلىھەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رايوندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق قارالمىلارنى پائال مەسلىھەت قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رۇسىيە ئالىي ئىقتىساد شۆيۈەنى شەرقشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇدىرى ئالكسى ماسلوف مۇنداق دېدى: شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان سورۇن بولۇپلا قالماستىن يەنە پۈتكۈل شەرقىي شىمال ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى مەسلىھەت قىلىدىغان سەھنە. رەئىس شى جىنپىڭ شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتى ھەمدە ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي شىمال ئاسىيا رايونىنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ يەرشارىلىشىش نەزەر دائىرىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كۆپ تەرەپ مەسلىھەت قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، مەزكۇر رايوندىكى ئەللەر بىلەن ئىقتىساد سودا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇققا قازىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىقتىساد بانكىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى نىكولاي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ رايوننىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى پائال ئۇلاشتۇرۇشى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بىز مەسئۇل بولغان خىزمەت بىلەن جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى يۈكسەك بىرىكىدۇ، جۇڭگو بانكىلىرى بىزنىڭ ھەمكارلىق شېرىكىمىزگە ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى، رۇسىيە ئىقتىساد سودا ساھەسىدە ياۋروپا-ئاسىيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى ئەللەرنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى تېخىمۇ كۆپ ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

موڭغۇلىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، سابىق دىپلوماتى بايارخۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇققا قازىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسى موڭغۇلىيە-جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشقا نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.

كورېيە كيۇڭنام داشۆسى يىراق شەرق مەسىلىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى لىساڭۋەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى بىلەن ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى تىلغا ئالدى، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن كورېيەنىڭ يېڭى شىمال سىياسىتى يۈكسەك بىرىكىدۇ، بۇلاردا يىراق شەرق رايونى ھەمكارلىقى ۋە ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بار، بىز بۇلارنى چوڭقۇر ئۇلاشتۇرساق بولىدۇ. لىساڭۋەن رەئىس شى جىنپىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەسىلىسى جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان «دۇچ كېلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك مۇھىت مەسىلىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش» ئىدىيەسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى بىرلىكتە كۈچەيتىشى كېرەك، دېدى.

ياپونىيەنىڭ توكيو تەبىئىي پەنلەر داشۆسىدىن پىروفېسسور جاۋ شىنۋىي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەرگە يىراق شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. جۇڭگو خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتقان ۋاقىتتا، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئىناق، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، ئىتتىپاق، مۇقىم شەرقىي شىمال ئاسىيا بەرپا قىلىش كۆپ تەرەپلىكنى قوغداش، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.