جۇڭگو رۇسىيە يەرلىكلەر ھەمكارلىقى دەل جايىدا بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-09-14 19:17

جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىكلەر رەھبەرلىرىنىڭ سۆزلىشىشى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى ۋە رۇسىيەنىڭ 13 فىدراتسىيە گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن يەنە، يىغىننىڭ مەزمۇنىمۇ مول بولدى. نۇرغۇن ئەڭ يېڭى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئاشكارىلاندى، كۆۋرۈك، تاشيول قاتارلىق ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى دوكلات قىلىندى. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى. بۇ «شەرقىي شىمال-يىراق شەرق»، «چاڭجىياڭ-ۋولگا دەريالىرى» ئىككى چوڭ مىخانىزمنىڭ پېشىپ-يېتىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنىڭ ھەر جايدا پورەكلەپ ئىچىلىۋاتقانلىقىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايەن قىلدى.

بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئىمپورت-ئىكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 63مىليارد 730مىليون يۇەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.1 ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 59مىليارد 400مىليون يۇەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۈردى.

يىغىن مەزمۇنىدىن خېيلوڭجىياڭ، جىلىن، لىياۋنىڭ، ئىچكى موڭغول قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ جوغراپىيەلىك يېقىن قوشنا بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رۇسيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيىتىۋاتقانلىقى ئايان بولدى.

رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىمۇ رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلەتتى. جۇڭگو- ئامىر ئوبلاستىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، جۇڭگو بىلەن بولغان سودىسى ئامۇر ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ %90نى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خام ئەشيا، ئېنېرگىيەدىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈلۈشى كۆپەيدى. بۇ ئوبلاستنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارى ۋاسلىيئورلوف: قۇرۇلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان ئېغىزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رۇسىيەنىڭ دېڭىز بويى چېگرا رايونى ناھايىتى بۇرۇنلا جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلاشقان بولۇپ، رايون ئىچىدە ئىككى يۈزدىن كۆپرەك جۇڭگو كارخانىسى بار. نۆۋەتتە دېڭىز بويى چېگرا رايونى كەڭ كۆلەمدە دۆلەت تۈرىنى يولغا قويماقتا، مەسىلەن، ۋىلادىۋوستوك ئەركىن پورت تۈرى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ھالقىما تەرەققىيات رايونىدىكى تۆت تۈر باج ئېلىشتا ئېتىبار بېرىشقا تايىنىپ، نۇرغۇن جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنى جەلىپ قىلدى.

رۇسىيە كامچاتكا چېگرا رايونىنىڭ مەمۇرى باشلىقى ۋىلادىمىر ئىليۇشىن مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراق شەرق رايونىغا كېلىپ شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىدىن ھەمدە رۇسىيەنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. گۈزەل كامچاتكا يېرىم ئارىلى جۇڭگو بىلەن بىۋاستە ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ بۇ سىرلىق زېمىنغا كېلىشىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتمەكتە.

يىغىندا جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەن مۇنداق دېدى: جياڭسۇنىڭ نەنجىڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 15 كۈندىلا موسكۇۋانىڭ شەھەر ئەتراپىغا يېتىپ بارالايدۇ، بىز ئاللابۇرۇنلا قوللىرىمىزنى چىڭ تۇتۇشقان.

جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىكلەر ھەمكارلىقى ئۆز-ئارا ئۈستۈنلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، ھازىر دەل تۇتاشتۇرۇلدى. كۈچلۈك ياسمىچىلىق ئەمەلىي كۈچىگە تايانغان جياڭسۇنىڭ رۇسيە بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يىراق بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئوخشاشلا ناھايىتى جانلاندۇرغان. شۈجۇۋ قۇرۇلۇش ماشىنلىرى گوروھى چەكلىك شىركىتى جياڭسۇ ياسمىچىلىقىدىكى ۋەكىللىك كارخانا، بايقال كۆلىنى ئىلمى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىۋاتقان چۆكمە پاراخوتقا بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرغان كىران سەپلەنگەن. جياڭسۇ شۇاڭلىياڭ گوروھى سانكىتبۇرگ ئايرودرومىغا ياۋروپادىكى ئەڭ ئىلغار ئېنېرگىيە مەركىزىنى لايىھەلەپ بەرگەن ۋە ياساپ بەرگەن.

رۇسىيە كارېلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرى باشلىقى پەرۋىنچىكوف جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئارلىق يىراق بولسىمۇ، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ، دەپ سۈپەتلىدى. رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كارېلىيەنىڭمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق، ئەمما ئۇلار فۇجيەن بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ: مەن ئەمدىلا شىيامىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ كەلدىم، كارېلىيە فۇجيەندە يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمسىى ئۆتكۈزىدۇ، دېدى.

ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئىككى دۆلەت خەلقى ئارسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇردى. خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭۋىي مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: تۇڭجاڭ جيېخې تۆمۈر يولى كۆۋرۈكى، خېيخى جيېخي تاشيولى كۆۋرۈكى كېلەر يىلى پۇتتۇرۇلۇپ قاتناش باشلىنىدۇ.

جاڭ چىڭۋىي جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ يەرلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىدا ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، ئوبلاستلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.