مۇخبىرنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى بەس مۇنازىرە قوزغىدى، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تىركىشىشى ئەدەپ كېتىشى مۇمكىن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-10-11 15:57

تۈركىيە دائىرىلىرى ئۈلۈشكۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مۇخبىر جامال كاشۇجىنىڭ «يوقاپ كېتىش»ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى ئاختۇرۇمىز، مۇخبىرنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى داۋاملىق ئەۋج ئالدى، بۇ تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى زىددىيىتىنى ھەمدە رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تالىشىش تۈپەيلى پەيدا بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خاممىي ئاكسوي ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى: بىز تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز، تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى ئاختۇرسا بولىدۇ دېدى. ئاكسوي كونسۇلخانىنى ئاختۇرۇشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى تىلغا ئالمىدى، پەقەتلا ئاختۇرۇش كاشۇجىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنىڭ بىر قىسمى دەپ تەكىتلىدى.

كاشۇجى 59 ياش، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتنى زىيارەت قىلغان، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» قاتارلىق نۇرغۇن تاراتقۇلارنى خەۋەر بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كاشۇجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىگە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولغاچقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى بىلەن تەدرىجىي قارشىلىشىپ قالغان.

تۈركىيە ساقچىلىرى كاشۇجىنىڭ تۇتقۇن قىلىۋېلىنىش مۇمكىنلىكىنى تەكشۈردى. ساقچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق 15 كىشىنىڭ كاشۇجى «يوقاپ كەتكەن» كۈنى ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاشۇجى توي قىلىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن، بىر ھەپتە ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەن، ئۇنىڭ بولغۇسى ئايالى شۇ چاغدا سىرتتا ساقلاپ تۇرغان. ئۇ: كاشۇجى كونسۇلخانىغا كىرگەندىن كېيىن قايتىپ چىقمىدى دېگەن.

بۇندىن بۇرۇن تۈركىيە دائىرىلىرى يوقاپ كەتكىنىگە بىر قانچە كۈن بولغان كاشۇجى كونسۇلخانىدا قەستكە ئۇچرىدى دەپ قاراپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرىدىن تەكشۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرى كاشۇجى قەستكە ئۇچرىدى دېگەن سۆزلەرنى ئىنكار قىلىپ: تۈركىيەنىڭ ئەيىبلىشى ئاساسسىز، مۇخبىر كونسۇلخانىمىزدىن «ھايات» ئايرىلغان دەپ جەزملەشتۈردى.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مۇخبىرنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى چەكتىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى تەرەپتە ئىپادىلەندى: بىرى تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇخبىرنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسىدە روشەنكى تولۇق پىكىر ئالماشتۇرمىغان ھەمدە ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىمىغان بەلكى جامائەت پىكىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ ئېغىز ئۇرۇشى قىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن؛ يەنە بىرى تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بۇنىڭغا تېزدىن ئارىلىشىپ، بۇ ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن «بۇ مۇخبىرنىڭ كونسۇلخانىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئىسپات»بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇخبىرنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى تېزدىن ئەۋج ئېلىپ، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى زىددىيىتىنى ئاشكارىلىدى. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا رايوندىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى تالىشىش جېڭى كۈنسېرى روشەنلەشتى، يەنە كېلىپ بىر بىرىنى ئۆزىنىڭ رايوندىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق توسالغۇلارنىڭ بىرى دەپ قاراپ كەلدى.

بولۇپمۇ بۇلتۇردىن بۇيان، قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋەقەسى، ئامېرىكىنىڭ ئېرۇسالىمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىرانغا قاراتقان جازا قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوخشىمىغان مەيداندا بولدى. بۇ قېتىمقى مۇخبىر «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى ئىككى دۆلەتنىڭ زىددىيىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

بىر مۇخبىرنىڭ يوقاپ كېتىشى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك تەۋرىتىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تېخىمۇ چوڭ سىياسىي ماجىرا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى داۋاملاشماقتا، بۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق زىددىيەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر ئىككىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى مەيلى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن، رايون ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇخبىرىنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسى ئالاقىدار دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇزاق مۇددەتلىك بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ھازىرقى باسقۇچتا، كاشۇجىنىڭ «يوقاپ كېتىشى» نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ: ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ، مەن كاشۇجىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك «يامان سۆزلەر»نى ياقتۇرمايمەن دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى مۇغرىنى ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كاشۇجىنىڭ «يوقاپ كېتىش» ۋەقەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى «پۈتۈنلەي ئاشكارىلىشى»نى مۇراجىئەت قىلىدۇ.